ئامېرىكا-ئىران ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشتى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ 8-يانۋار چۈشتە ئىراننىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.

يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئىران-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قاتتىق كەسكىنلىشىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ توقۇنۇشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا مەركەزلەشكەن. تىرامپ باياناتىدا ئىراننىڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، پەقەت ھەربىي بازىنىڭ قىسمەن زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتا جازالاشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئىراننىڭ ھەرگىز يادرو قورالغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تىرامپ بايانات ئېلان قىلىشتىن بىرئاز بۇرۇن ئىران تاشقى ئىشلار مىسنىتىرى تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، ئامېرىكىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئىراننىڭ توقۇنۇشنى ئۇرۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش نىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تىرامپ سۆزىدە يەنە ئۆلتۈرۈلگەن قاسىم سۇلايمانىينىڭ ئەڭ چوڭ تېررورچى ئىكەنلىكىنى، ئىراننىڭ تېررورلۇقنى قوللاش نىيىتىدىن يېنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 12816 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2020 18:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق