ئىران ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

بى بى سى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىران بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ھەربىي بازىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئەمما ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئىران تەرەپ بۇ ھۇجۇمدا ئامېرىكىنىڭ 80گە يېقىن ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ ئىككى ھەربىي بازا ئىراقنىڭ ئىربىل ۋە ئەلئەسەد ۋىلايەتلىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىران باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىن ئون نەچچىنى ئاتقان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ تىۋىتتېردا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھەممە ئىشنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاۋاد زەرىفمۇ تىۋىتتېردا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىراننىڭ ئۇرۇش قوزغاش نىيىتى يوقلۇقىنى، ئەمما ئۆزىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئىران تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكىنىڭ قاسىم سۇلايمانىينى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇندىن باشقا ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئەنگلىيەمۇ پارس قولتۇقىدىكى خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسى ۋە تىك ئۇچارلىرىنى تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇشقا بۇيرۇغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، رايون ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆز ئادەملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلىكە ئىگە قىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا ھەرقانداق ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاسىيا بازىرىدىكى نېفىت باھاسىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە  4.5%ئۆرلەپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر 12864 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2020 01:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق