خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقچىلىق سىياسىتىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەقەللىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى ئۇلار ئىرقچىلىق سىياسىتىنى يەنىلا يوشۇرۇپ قالالمىغان.

7-يانۋار خىتاينىڭ جياڭسۇ سۇنىڭ پۇتبول كوماندىسى سىنا مىكرو بىلوگىدا كوماندىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كوماندا ئەزالىرىنىڭ قىشلىق چېنىقىش ئۈچۈن دۇبەيگە قاراپ يولغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن، ئەمما كوماندىدىكى ئۇيغۇر پۇتبولچى ئابدۇلھەمىد ئايرىم قالدۇرۇپ قويۇلغان.

مەزكۇر ئۇچۇردا قىشلىق چېنىقىش ئۈچۈن دۇبەيگە بارىدىغان ئەزالارنىڭ تىزىملىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، پەقەت ئۇيغۇر پۇتبولچى ئابدۇلھەمىدلا قالدۇرۇپ قويۇلغان ۋە بۇنىڭ «رايون» سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى، يەنى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق بولغانلىق سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. شۇنداقلا ئۇنىڭ گۇاڭدۇڭغا قايتىپ، قىشلىق چېنىقىشنى شۇ يەردە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا يول قويمايلا قالماي، بۇندىن بۇرۇن يەنە بىر نەچچە ئۇيغۇر پۇتبولچىنى ئۆز كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە چەتئەلگە چىقىپ مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈنلا جازا لاگېرىغا قامىغانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1531 قېتىم كۆرۈلدى
09/01/2020 00:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق