مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (Abim) تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى زىياۋۇددىن 6-يانۋار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
ۋەكىلنى جەمئىيەت رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. ئىككى تەرەپ ھەرساھەدىكى ياشلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا، جۈملىدىن مالايشىيادا تېخىمۇ جانلاندۇرۇشقا ئالاقىدار پىلانلارنى مۇزاكىرە قىلدى.
مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار كۆپلىگەن نامايىش ۋە پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ كەلگەن.