ئېرېغلىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

 

3-يانۋار تۈركىيەنىڭ ئېرېغلى كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتنى كونيا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى (IHH) ئېرېغلى شۆبىسى تەشكىللىدى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ قىلىندى.

پائالىيەتكە يەنە ئېرېغلى مۇپتىسى، ئېرېغلى ئۈلكە ئوجاك ئەزالىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئېرېغلى رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى ۋەكىللىرى ۋە نۇرغۇن يەرلىك خەلق ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان «ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 1330 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2020 23:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق