تىرامپ ئىرانغا تەھدىت سالدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ ئىراننى قالايمىقان ھەرىكەتتە بولماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

ئىراننىڭ باش ھەربىي قوماندانى قاسىم سۇلايمانىي 3-يانۋار ئامېرىكا تەرىپىدىن پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن. ئىران ئالىي رەھبىرى ھامېنىي قەسەم قىلىپ، ئامېرىكىدىن قاتتىق ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىرامپ شەنبە كۈنى بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئىراننىڭ 52 نىشانىنى بېكىتىپ بولغانلىقىنى، ئەگەر ئىران ئامېرىكىغا قارشى بىرەر ھەرىكەتكە ئۆتسە، ئامېرىكىنىڭ ئېغىر زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىرامپ بۈگۈن يەنە تىۋىتتېردا ئىراننى قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرگە غايەت زور خىراجەت ئاجراتقانلىقىنى، ئەگەر ئىران ئامېرىكىنىڭ بىرەر بازىسىغا ياكى پۇقراسىغا ھۇجۇم قىلسا، ئىككىلەنمەستىن ھەربىي قوراللىرىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇندىن باشقا ئىران تۈنۈگۈن 2015-يىلى تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىكى چەكلىمىلەرگە ئەمدى ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، باشقىچە ئېيتقاندا بۇ كېلىشىمدىن تولۇق چېكىنىپ چىققان بولىدىكەن.

بۇ خەۋەر 7962 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2020 23:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق