تۈركىيەدە قانچە پارتىيە بار؟

تۈركىيەدە قانچە پارتىيە بار؟

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1923-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى قۇرۇلغان.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان پارتىيە «خەلق پىرقىسى» (Halk Fırkası) بولۇپ، 1923-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان.

بۇ پارتىيە 1924-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىسمىنى «جۇمھۇرىيەت خەلق پىرقىسى» (Cumhuriyet Halk Fırkası)غا ئۆزگەرتكەن. 1935-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بولسا «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى» (Cumhuriyet Halk Partisi)گە ئۆزگەرتكەن.

تۈركىيەدە 1923-يىلى تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان پارتىيە «خەلق پىرقىسى» (Halk Fırkası)دىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەھمەد داۋۇت ئوغلى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «كەلگۈسى پارتىيەسى» (Gelecek Partisi) قۇرۇلغۇچە بولغان 96 يىلدا ئىسمىنى ئۆزگەرتكەن، تاقىلىپ قايتا قۇرۇلغان پارتىيەلەرنى ھېسابلىغاندا جەمئىي 342 سىياسى پارتىيە قۇرۇلغان. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا تۈركىيەدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 3.5 دىن پارتىيە قۇرۇلغان.

 بۇ پارتىيەلەرنىڭ كۆپ قىسمى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يا ئىچكى ئىختىلاپ، ياكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن تاقىلىپ كەتكەن. ھازىر جەمئىي 86 سىياسى پارتىيە بار بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە:

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى (Cumhuriyet Halk Partisi). 1923-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان.

خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى (Halkların Demokratik Partisi). 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى (Milliyetçi Hareket Partisi). 1969-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (Adalet ve Kalkınma Partisi). 2001-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغان.

ياخشى پارتىيە (İyi Parti). 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى قۇرۇلغان.

سائادەت پارتىيەسى (Saadet Partisi). 2001-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇرۇلغان.

دېموكرات پارتىيە (Demokrat Parti). 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى قۇرۇلغان.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى (Büyük Birlik Partisi). 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى قۇرۇلغان.

ئەركىنلىك ۋە ھەمكارلىق پارتىيەسى (Özgürlük ve Dayanışma Partisi). 1996-

يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى قۇرۇلغان.

تۈركىيە ئىشچى پارتىيەسى (Türkiye İşçi Partisi). 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى قۇرۇلغان.

ئەمگەكچى ھەرىكەت پارتىيەسى (Emekçi Hareket Partisi). 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى قۇرۇلغان.

ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر پارتىيەسى (Hak ve Özgürlükler Partisi). 2002-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇرۇلغان.

تۈركىيە سوتسىيالىست ئىشچى پارتىيەسى (Türkiye Sosyalist İşçi Partisi). 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇرۇلغان.

ھەق ۋە باراۋەرلىك پارتىيەسى (Hak ve Eşitlik Partisi). 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇرۇلغان.

خەلقنىڭ ئازادلىق پارتىيەسى (Halkın Kurtuluş Partisi). 2005-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان.

ئىنقىلابچى سوتسىيالىست ئىشچى پارتىيەسى (Devrimci Sosyalist İşçi Partisi). 1997-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇرۇلغان.

تۈركىيە كوممۇنىست ھەرىكىتى (Türkiye Komünist Hareketi). 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇرۇلغان.

ئىشچى قېرىنداشلىقى پارتىيەسى (İşçi Kardeşliği Partisi). 2006-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان.

تۈركىيە ئىشچى يېزىلىق پارتىيەسى (Türkiye İşçi Köylü Partisi). 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى قۇرۇلغان.

ئەركىنلىك ۋە سوتسىيالىزم پارتىيەسى (Özgürlük ve Sosyalizm Partisi). 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇرۇلغان.

تۈركىيە كوممۇنىست پارتىيەسى (Türkiye Komünist Partisi). 1993-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇرۇلغان.

سوتسىيال ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى (Sosyal Emekçiler Partisi). 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇرۇلغان.

كوممۇنىست پارتىيەسى (Komünist Parti). 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى قۇرۇلغان.

خەلقنىڭ تۈركىيە كومىنىست پارتىيەسى (Halkın Türkiye Komünist Partisi) 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى قۇرۇلغان.

ئەمگەك پارتىيەسى (Emek Partisi). 1996-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇرۇلغان.

سوتسىيالىست يېڭىدىن قۇرۇلۇش پارتىيەسى (Sosyalist Yeniden Kuruluş Partisi). 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان.

سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيە (Sosyal Demokrasi Parti). 1983-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى قۇرۇلغان.

ئېزىلگەنلەرنىڭ سوتسىيالىست پارتىيەسى (Ezilenlerin Sosyalist Partisi). 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى قۇرۇلغان.

بىرلەشكەن ئىنقىلابچى پارتىيە (Birleşik Devrimci Parti). 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان.

تۈركىيە كۇردىستان دېموكرات پارتىيەسى (Türkiye Kürdistan Demokrat Partisi). 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇرۇلغان.

خەلقچىل پارتىيە (Ulusal Parti). 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇرۇلغان.

سوتسىيالىست دېموكراتىك پارتىيەسى (Sosyalist Demokrasi Partisi). 2002-يىلى قۇرۇلغان.

ئەبەدىي نىزام پارتىيەسى (Ebedi Nizam Partisi). 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلغان.

جاھان پارتىيەسى (Cihan Partisi). 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى قۇرۇلغان.

ئوسمانلى پارتىيەسى (Osmanlı Partisi). 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى قۇرۇلغان.

بۈيۈك تىرىلىش پارتىيەسى (Yüce Diriliş Partisi). 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇرۇلغان.

ھەق ۋە ئادالەت پارتىيەسى (Hak ve Adalet Partisi). 2002-يىلى قۇرۇلغان.

بۈيۈك تۇران ھەركىتى پارتىيەسى (Büyük Turan Hareketi Partisi). 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى قۇرۇلغان.

بۈيۈك تۈركىيە پارتىيەسى (Büyük Türkiye Partisi). 1983-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇرۇلغان.

 تۇغۇش ۋە يورۇقلۇق پارتىيەسى (Doğuş ve Aydınlık Partisi). 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان.

كونسېرۋاتىپ يۈكسىلىش پارتىيەسى (Muhafazakar Yükseliş Partisi). 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان.

دېموكراتىك سول پارتىيە (Demokratik Sol Parti). 1985-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغان.

تۈركىيە بىرلىك پارتىيەسى (Türkiye Birlik Partisi). 1966-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى قۇرۇلغان.

1923 جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى (1923 Cumhuriyet Partisi). 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغان.

يۇرت پارتىيەسى (Yurt Partisi). 2002-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغان.

ئالمىشىشچان ۋە ئۆزگىرىشچان پارتىيەسى (Alternatif ve Değişim Partisi). 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى قۇرۇلغان.

خەلق ئەسكەرلىرى پارتىيەسى (As Parti-sivil ordu). 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى قۇرۇلغان.

تىجارەتچى ۋە دېھقان پارتىيەسى (Esnaf ve Çiftçi Partisi). 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلغان.

يېڭى دۇنيا پارتىيەسى (Yeni Dünya Partisi). 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇرۇلغان.

توسالغۇسىز تۈركىيە پارتىيەسى (Engelsiz Türkiye Partisi). 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان.

ھەق ۋە ھەقىقەت پارتىيەسى (Hak ve Hakikat Partisi). 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلغان.

ئايال پارتىيەسى (Kadın Partisi). 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان.

مەركەز پارتىيە (Merkez Parti). 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى قۇرۇلغان.

مىللىي كۈرەش پارتىيەسى (Milli Mücadele Partisi). 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان.

لىبېرال دېموكرات پارتىيە (Liberal Demokrat Parti). 1994-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى قۇرۇلغان.

تۈركىيە ئىنسانپەرۋەر پارتىيەسى (Türkiye Hümanist Partisi). 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇرۇلغان.

تۈركىيە ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (Türkiye Ekonomi ve Kalkınma Partisi). 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان.

بۈيۈك ئانادولۇ تىرىلىش ھەركىتى پارتىيەسى (Büyük Anadolu Diriliş Hareketi Partisi). 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇرۇلغان.

ھەق ۋە خاتىرجەملىك پارتىيەسى (Hak Ve Huzur Partisi). 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان.

تۈرك بىرلىكى پارتىيەسى (Türk Birliği Partisi). 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى قۇرۇلغان.

ئاي يۇلتۇز پارتىيەسى (Ayyıldız Partisi). 2003-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى قۇرۇلغان.

ياش ئانادولۇ پارتىيەسى (Genç Anadolu Partisi). 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى قۇرۇلغان.

ۋەتەن ۋە ئازادلىق پارتىيەسى (Vatan ve İstiklal Partisi). 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى قۇرۇلغان.

قانۇنىي مۇداپىئە ھەرىكىتى پارتىيەسى (Müdafaa-i Hukuk Hareketi Partisi). 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان.

پىليۇرالىزم دېموكراتىيە پارتىيەسى (Çoğulcu Demokrasi Partisi). 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان.

ئۇنىۋېرسال يول پارتىيەسى (Evrensel Yol Partisi). 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان.

يېشىللەر ۋە سولچىلار كەلگۈسى پارتىيەسى (Yeşiller ve Sol Gelecek Partisi). 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇرۇلغان.

دېموكراتىك رايونلار پارتىيەسى (Demokratik Bölgeler Partisi). 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇرۇلغان.

مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى (Bağımsız Cumhuriyet Partisi). 2002-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان.

پىرىنسىپلار ۋە قىممەت قاراشلار پارتىيەسى (İlkeler ve Değerler Partisi). 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان.

ۋەتەن پارتىيەسى (Vatan Partisi). 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان.

تۈركىيە ئىشسىزلار ۋە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى (Türkiye İşsizler ve Emekçiler Partisi). 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان.

ئوڭچىلار پارتىيەسى (Sağduyu Partisi). 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇرۇلغان.

ھۆر دەۋا پارتىيەسى (Hür Dava Partisi). 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى قۇرۇلغان.

ئادالەت بىرلىك پارتىيەسى (Adalet Birlik Partisi). 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى قۇرۇلغان.

مۇستەقىل تۈركىيە پارتىيەسى (Bağımsız Türkiye Partisi). 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇرۇلغان.

تۈركىيە سوتسىيالىزمچى قېرىنداشلىق پارتىيەسى (Türkiye Toplumcu Kardeşlik Partisi). 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى قۇرۇلغان.

ئىشەنچ ئادالەت ۋە يورۇقلۇق پارتىيەسى (Ğüven Adalet ve Aydınlık Partisi). 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان.

ئۆتۈكەن بىرلىكى پارتىيەسى (Ötüken Birliği Partisi). 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇرۇلغان.

كۈچلۈك تۈركىيە پارتىيەسى (Güçlü Türkiye Partisi). 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان.

خەلقلەرنى ياراشتۇرۇش تۈزىتىش ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (Toplumsal Uzlaşma Reform ve Kalkınma Partisi). 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى قۇرۇلغان.

ئانادولۇ پارتىيەسى (Anadolu Partisi). 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغان.

دېموكراتىك ياش پارتىيە (Demokratik Genç Parti). 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان.

ئىشچى دېموكراتىيەسى پارتىيەسى (İşçi Demokrasisi Partisi). 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇرۇلغان.

دۆلىتىم پارتىيەسى (Ülkem Partisi). 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان.

كەلگۈسى پارتىيەسى (Gelecek Partisi). 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى قۇرۇلغان.

 

 بىز بۇ پارتىيەلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە ئايرىپ كۆرسىتىمىز.

1. پارلامېنتتا خەلقكە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارتىيەلەر.

2. ھېچقانداق ئەزاسى يوق پارتىيەلەر.

3. ئادەتتىكى پارتىيەلەر.

 

1. تۈركىيە پارلامېنتىدا ئەسلىدە 550 پارلامېنت ئەزاسى بار بولۇپ، بۇلاردىن 26سى دۆلەت مىنىستىرى ئىدى. 2018-يىلى 7-ئايدا قانۇن ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى 600 گە چىقتى. دۆلەت مىنىستىرلىرىنىڭ سانى بولسا 26دىن 16گە چۈشۈرۈلدى. ھازىر تۈركىيە پارلامېنتىدا جەمئىي توققۇز پارتىيە بار بولۇپ، ئۇ پارتىيەلەر ۋە ئۇلارغا تەۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:

1. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (Adalet ve Kalkınma Partisi). 290 پارلامېنت ئەزاسى بار بولۇپ، بۇلاردىن 16سى دۆلەت مىنىستىرى.

2. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى (Cumhuriyet Halk Partisi). 144 پارلامېنت ئەزاسى بار.

3. خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى (Halkların Demokratik Partisi). 65 پارلامېنت ئەزاسى بار.

4. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى (Milliyetçi Hareket Partisi). 50 پارلامېنت ئەزاسى بار.

5. ياخشى پارتىيە (İyi Parti). 40 پارلامېنت ئەزاسى بار.

6. تۈركىيە ئىشچى پارتىيەسى (Türkiye İşçi Partisi). ئىككى پارلامېنت ئەزاسى بار.

7. سائادەت پارتىيەسى (Saadet Partisi). ئىككى پارلامېنت ئەزاسى بار.

8. بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى (Büyük Birlik Partisi). بىر پارلامېنت ئەزاسى بار.

9. دېموكرات پارتىيە (Demokrat Parti). بىر پارلامېنت ئەزاسى بار.

بۇلاردىن باشقا يەنە بىر مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى بار.

 

2. ھېچقانداق ئەزاسى يوق پارتىيەلەر

يۇقىرىقى 86 پارتىيەنىڭ ئىچىدە 15 پارتىيە قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە پارتىيە قۇرغۇچىلاردىن باشقا بىرمۇ كىشى ئەزا بولمىغان بولۇپ، بۇ پارتىيەلەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئايال پارتىيەسى (Kadın Partisi). ئەزا سانى: 0

2.ئوڭچىلار پارتىيەسى (Sağduyu Partisi). ئەزا سانى: 0

3. خەلق ئەسكەرلىرى پارتىيەسى (As Parti-sivil ordu). ئەزا سانى: 0

4. ئاي يۇلتۇز پارتىيەسى (Ayyıldız Partisi). ئەزا سانى: 0

5. دېموكراتىك ياش پارتىيە (Demokratik Genç Parti). ئەزا سانى: 0

6. توسالغۇسىز تۈركىيە پارتىيەسى (Engelsiz Türkiye Partisi). ئەزا سانى: 0

7. ياش ئانادولۇ پارتىيەسى (Genç Anadolu Partisi). ئەزا سانى: 0

8. ئىشچى دېموكراتىيەسى پارتىيەسى (İşçi Demokrasisi Partisi). ئەزا سانى: 0

9. ئىشچى قېرىنداشلىقى پارتىيەسى (İşçi Kardeşliği Partisi). ئەزا سانى: 0

10. مىللىي كۈرەش پارتىيەسى (Milli Mücadele Partisi). ئەزا سانى: 0

11. ئۆتۈكەن بىرلىكى پارتىيەسى (Ötüken Birliği Partisi). ئەزا سانى: 0

12. سوتسىيال ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى (Sosyal Emekçiler Partisi). ئەزا سانى: 0

13. تۈرك بىرلىكى پارتىيەسى (Türk Birliği Partisi). ئەزا سانى: 0

14. دۆلىتىم پارتىيەسى (Ülkem Partisi). ئەزا سانى: 0

15. يېڭى دۇنيا پارتىيەسى (Yeni Dünya Partisi). ئەزا سانى: 0

بىز بۇ پارتىيەلەرنىڭ ئىسمىدىن ۋە پارتىيە گېربىدىن ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيەسى، غايىسى قاتارلىق بەزى ئەھۋاللارنى چۈشىنىۋالالايمىز.

بۇ خەۋەر 1858 قېتىم كۆرۈلدى
05/01/2020 22:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق