كوجائەلىدە «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
3-يانۋار تۈركىيە ياشلار ۋەقفىنىڭ كوجائەلى شۆبىسىنىڭ يىغىن زالىدا «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» تېمىسىدا ئىلمىي دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا ھەرقايسى ئۇنۋېرستېتلاردا، ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ھەرقايسى جەمئىيەت-تەشكىلاتلاردا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان خانىم-قىزلار ئىشتىراك قىلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي پائالىيەتچى قەمەر ئارتىش خانىم، نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ تەلىم-تەربىيە گۇرۇپپىسى ئەزالىرىدىن خاسىبە ئۆزئۇيغۇر خانىم، يېتىم ياردەم ۋە كۈلتۈر تونۇشتۇرۇش خىزمىتى ئەزاسى رابىيە خوجائوغلى خانىم قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا قەمەر ئارتىش خانىم «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» تېمىسىدا دوكلات بېرىپ، ھەم تارىخىي، ھەم سىياسىي، ھەم ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە دۇنياغا خوجا بولۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئەمەلىي مىسال ۋە ئېنىق سان-سىفىرلار بىلەن بايان قىلىپ ئۆتتى.
يىغىنىدا يەنە مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش جىنايەتلىرى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللارنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ياشاش، سۆز قىلىش، پىكىر قىلىش، خالىغانچە ئىسىم قويۇش، قاچان ۋە كىم بىلەن ئۆيلىنىش، ئانا تىلىدا ئوقۇش، ئۆزى خالىغان كەسىپتە ئىشلەش ۋە تۇغۇش ھوقۇقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى، خىتاينىڭ قورساقتىكى بالىلارنىمۇ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەنلىكى، كىيىم-كېچەك تاللاش ھوقۇقىنىڭ، ئۆز دوستلىرى، تۇغقانلىرى بىلەن خالىغان ئۇسۇلدا سالاملىشىش ھوقۇقىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى، قىسقىسى بىر ئىنساننىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ھالدا ياشاۋاتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش دەرىجىسىگە بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا خانىم-قىزلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن تۈركىيە ياشلار ۋەقفى كوجائەلى شۆبىسى نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىگە شەرقىي تۈركىستانغا ئاتاپ تىكىلگەن دەرەخلەرنىڭ سىمۋول بەلگىسىنى تەقدىم قىلدى. مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىممۇ شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى نامىدىن ئۇلارغا خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلدى.