شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ 3-قېتىملىق كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ 3-قېتىملىق كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلدى

3-يانۋار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ ھەر ئايدا تەرتىپلىك داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان 3-قېتىملىق كېڭەيتىلگەن مەسلىھەت يىغىنى جەمئىيەتنىڭ مەركىزىدىكى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا جەمئىيەت رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى خەلقئارادا كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتى ئىنتايىن پاسسىپ بولۇۋاتىدۇ. بىز دەۋانىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يېڭى يىلدا يېڭىچە روھ ۋە جۈشقۇنلۇق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك، دەۋاغا ئۆزىمىز ئىگە چىقىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.


جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ژۇرنالىست مۇساجان ئەر جەمئىيەتنىڭ 2019-يىللىق خىزمەت خۇلاسە دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. شۇنداقلا دەۋا يولىدا سەمىمىي بولۇش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارالاشقان بىر پەيتتە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇش ھەققىدە توختالدى.


يىغىنغا ئاۋسترالىيەدە تۇرۇۋاتقان جامائەت ئەربابى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ۋەكىلى ئابدۇسالام ئالىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا دۇچ كەلگەن ئىچكى ۋە تاشقى تەھدىتلەر ۋە قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مۇزاكىرە قىلىندى. يەنە كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن بەزى ئەھۋاللار، بۇ ئەھۋاللارنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەر مەخسۇس توختىلىپ ئۆتۈلدى. ئارقىدىن مۇساجان ئەر جەمئىيەتنىڭ 2019-يىلىدىكى بىر يىللىق خىزمەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى.
يىغىن ئاخىرىدا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قانداق شارائىت ئاستىدا قۇرۇلغانلىقى، قانداق قىيىنچىلىقلار ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلگەنلىكى، بۈگۈن يېتىپ كەلگەن نۇقتا، تۈركىيەدىكى نوپۇس مەسىلىسى قاتارلىق مۇھىم تېمىلار ھەققىدە توختالدى.

بۇ خەۋەر 1540 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2020 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق