ئانتاليەدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى
1-يانۋار ئانتاليە كوركۇتئەلى شەھىرى لوقمان ھەكىم يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەككە فەتھى كۈنىنى خاتىرىلەش» يىغىلىشىدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتنى كوركۇتئەلى شەھىرى ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى شۆبىسى تەشكىللىدى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتورانت ئابدۇسالام تەكلىماكان تەكلىپ قىلىندى.
يىغىلىشتا ئابدۇسالام تەكلىماكان ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا سەۋەبسىز قاماپ، مەدەنىيىتى ۋە دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، لاگېرلاردىن نۇرغۇن ئەھلى-ئۆلىما ۋە ئالىملارنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قىرغىن قىلىشقا باشلىغانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.