500 مىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

500 مىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى
29-دېكابىر نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 500 مىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتىنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ 2017‏-يىلى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر ھۆججىتىدە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگانلىرىغا ئۇيغۇر بالىلارنى ئاتا-ئانا ۋە ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانلىقى، قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بالىلار سانىنى كەم دېگەندە 500 مىڭغا يەتكۈزگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ سەككىز ياش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە سولاش پىلانىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد، ئىسلامىي قىممەت قاراش ۋە ئۇيغۇر مىللىي ئېڭىنى يوقىتىش مەقسەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017-يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نامى بىلەن كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىنمۇ ئايرىپ، «پەرىشتىلەر باغچىسى» دېگەندەك چىرايلىق ئىسىم قويۇۋالغان بالىلار لاگېرىغا سولاپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرچە سۆزلەشتىن چەكلىگەن، خىتاينىڭ كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ، خىتايلاشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1371 قېتىم كۆرۈلدى
01/01/2020 19:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق