كوجا ئېلىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى
31-دېكابىر كوجا ئېلى كۆرپەز تۈتۈنجۈ كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن « مەككە پەتھى كۈنىنى خاتىرلەش» مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرلدى..
پائالىيەتنى كوجائېلى ئانادولۇ ياشلار جەمئىيىتى بىلەن مىللىي ياشلار ۋەقفى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە پەلەستىن، كەشمىر قاتارلىق رايونلاردىن كەلگەن پائالىيەتچىلەر ئىشتراك قىلدى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەد ئابدۇراھمان تەكلىپ قىلىندى.
پائالىيەتتە باش كاتىپ ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغانلىقى، لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.