دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت

دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت

چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار

 

ئەركىن سىدىق

 

- تەپەككۇرىڭىزغا ئەھمىيەت بېرىڭ (ياكى دىققەت قىلىڭ)، ئۇ سىزنىڭ پوزىتسىيەلىرىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

- پوزىتسىيەلىرىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۇ سىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

- گەپ-سۆزلىرىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۇ سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

- ئىش-ھەرىكىتىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۇ سىزنىڭ ئادەتلىرىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

- ئادەتلىرىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۇ سىزنىڭ كىشىلىك خاراكتېرىڭىزنى شەكىللەندۈرىدۇ.

-كىشىلىك خاراكتېرىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۇ سىزنىڭ مەنزىلىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.

يۇقىرىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنبەسى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئۇلار بىزگە مۇنداق بىر ئىشنى بىلدۈرىدۇ: بىز جىمجىت ۋە ئۆزىمىزنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئاساسىدىكى تاللاشلىرىمىز بىزنىڭ كېلەچىكىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنىش ئىقتىدارىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرى، پوزىتسىيەلىرى، گەپ-سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئادەتلىرىنى مەقسەتلىك تاللايدىكەنمىز، ئۇ ھالدا مەيلى ئۆيدە بولسۇن، ياكى خىزمەت ئورنىدا بولسۇن، بىز ئۆز ھاياتىمىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى بۇرۇنقىدىن ياخشىراق قىلالايمىز.

 يۇقىرىقىدەك قىلىشنىڭ ئورنىغا نۇرغۇنلىرىمىز ئۆزلىرىمىزنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھېسابلايمىز. بىز ئۆز شارائىتىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىمىزگە قىلغانلىرى ئۈستىدىن دەرد تۆكىمىز. ئىشلار ياخشى يۈرۈشمىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى ئامالسىز ۋە گۇناھسىز دەپ ئويلاش ئادەمگە مەلۇم پىسخولوگىيەلىك راھەتلىنىشنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ئەمما سىز ئۆزىڭىزنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھېسابلاپ ئۆتكۈزگەن ھاياتىڭىزغا ئەڭ ئاخىرىدا سىز ئۆزىڭىز يەنىلا رازى بولمايسىز.

 بىز ئەندىشە قىلىش، خەۋپ ھېس قىلىش، غەزەپلىنىش، ئاچچىق يۇتۇش، ھەسرەت چېكىش ۋە چۈشكۈنلىشىشكە ئوخشاش ناھايىتى كۈچلۈك ھېسسىياتلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىزنى ئاسانلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھېسابلاپ قالىمىز. بۇنداق ھېسسىياتلارنىڭ تەسىرى بەزىدە ئادەم غالىب كەلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۈچلۈك بولۇپ، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان روھىي ھالىتىگە نىسبەتەن «ساقلانغىلى بولمايدىغان ئەھۋال» دەپ ئويلاپ قالىمىز. ئاشۇنداق ۋاقىتلاردا بىزدە پەقەت «يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ئۆزلۈكىدىن ئوڭشىلىپ كېتىدۇ» دەيدىغان بىرلا ئۈمىد بار بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ھېسسىياتلىرىمىز ئاشۇنداق قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىڭ تاللاش قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە پوزىتسىيەلىرىنى مۇۋاپىق تاللاش ھەممىدىن مۇھىم. بىز ئاغرىقنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتەلمەيمىز، ئەمما ئازابلىنىشنى رەت قىلالايمىز.

بىز ئۆزىمىز قارار قىلىپ بولغان تاللاشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ياخشى كۆرمىگەن ۋاقىتتىمۇ، ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ تاللاشلىرىنى ئۆزىمىز كونترول قىلالايدىغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتكەن ھامان، بىز يەنە ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان تاللاشلارنى تاللىيالايمىز.

ئۆزىمىزنى بەختلىك بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىش بەزىدە ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ئىشتەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇنىڭدىن كېلىدىغان پايدا ناھايىتىمۇ زور بولىدۇ. گەرچە بىز ئۆز تۇرمۇشىمىزنى يۈزدە يۈز كۆڭۈلدىكىدەك قىلالمىساقمۇ، بىز ئۇنى بۇرۇنقىدىن ياخشىراق قىلالايمىز، ھەمدە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى قىلالايمىز.

مەن يېقىندا «يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت» دېگەن يازمامدا ئامېرىكىدىكى «مايكېل جوسېفسون» (Michael Josephson) ئىسىملىك بىر تونۇلغان ئەخلاق مۇتەخەسسىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم. ئاشۇ مايكېل ئۆزىنىڭ تور بېتىدە 2015-يىلى 31-مارت «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇۋېلىش روھىي ھالىتىنى داۋالاش» دېگەن تېمىدا بىر پارچە قىسقا يازما ئېلان قىلغان بولۇپ، يۇقىرىدىكىسى ئاشۇ يازمىنىڭ مەزمۇنىدىن ئىبارەت.

يۇقىرىدىكى قىسقا يازمىدىن كۆرۈۋالغىنىمىزدەك، بىر ئادەمنىڭ ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇشىنى ئاشۇ ئادەم ھەر كۈنى قارار قىلىپ ئالىدىغان تاللاشلار بەلگىلەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ تاللىشىنىڭ قانداق بولۇشى ئاشۇ ئادەمنىڭ تەپەككۇر، پوزىتسىيە، گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت، ئادەت ۋە كىشىلىك خاراكتېر جەھەتلەردە قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، بۇ ئامىللار بولسا ئاشۇ ئادەمنىڭ ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بىز بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇۋېلىپ، ئۆمرىمىزنى قېيداش ئىچىدە ئۆتكۈزسەك، ئۇنىڭ زىيىنى ئۆزىمىزگە بولىدۇ. بىز ئاغرىقتىن ساقلىنالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما ئاغرىقنىڭ ئازابىنى تارتىش-تارتماسلىق ئۆزىمىزگە باغلىق.

مەن بۇ قېتىم يەنە ئۈچ قېرىندىشىمىزنى تونۇشتۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلار مەن تونۇشتۇرغان 26-، 27- ۋە 28-قېرىندىشىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئالدىنقى قېتىملىق ماقالىنىڭ تور ئادرېسىنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاستىغا كىرگۈزۈپ قويدۇم. تۆۋەندىكى مەزمۇندىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغان ئۈچ قېرىندىشىمىز كىچىك ۋاقتىدىلا كەلگۈسىدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئۆزى ئۈچۈن بىر ئارزۇ، بىر نىشان ياكى بىر غايە قىلىپ تاللىۋالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا ئاشۇ غايىنى كۆزلەپ، قاتتىق تىرىشقان، جاپا-مۇشەققەتلەرگە تىز پۈكمىگەن، ئوڭۇشسىزلىقلارغا باش ئەگمىگەن. ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، تاللىغان نىشانغا يېتىش ئۈچۈن باشتىن-ئاخىر قاتتىق ئىشلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇيرۇلغان ياردەملەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ۋە ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئېرىشىپ، ئۆز ئارزۇلىرىغا يەتكەن.

مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغان بىر ئۇكىمىزنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان «ئىلىم-پەن» (Science) ژۇرنىلىغا بېسىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇكىمىز ھازىر دۇنيادىكى ئىقتىساد ساھەسىدە تەسىرى ئەڭ چوڭ ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان سۋىس بانكىلىرىنى ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر ئورۇندا ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكا خادىمى ۋە تېخنىكا يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغان يەنە بىر ئۇكىمىز ھازىرغىچە كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ھازىر كانادادىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى 25 نىڭ ئىچىگە كىرگەن بىردىن-بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى ھەم تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

يەنە بىر ئۇكىمىزنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان «تەبىئەت» (Nature) ژۇرنىلىغا بېسىلغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ياپونىيەدىكى مۇھىم ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرىدە ناھايىتى مۇھىم ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. مەن بۇ ئۈچ ئىنىمىزدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن ھەمدە مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سىزنىڭمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

بىر نامەلۇم قېرىندىشىمىز «www.doktor.cn» دېگەن تور بەتنى ياساپ، ئۇنىڭغا ھازىرغىچە تورلاردا تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇنلىرىنىڭ ماتېرىيالىنى يىغىپتۇ. گەرچە كىشىلەرنى كاتېگورىيەگە ئايرىش جەھەتتە بىرئاز مەسىلە بار بولسىمۇ، بارا-بارا ياخشىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. مەن ئوقۇرمەنلەرگە بۇ تور بەتنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنداقلا ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلاردىن مەزكۇر تور بەتنىڭ بىر يۇقىرى سۈپەتلىك تور بېتى بولۇپ قېلىشىغا ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىز قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى، ئەگەر سىز تورلاردا تونۇشتۇرۇلغان، ئەمما يۇقىرىدىكى تور بەتكە تېخىچە كىرمىگەن قېرىنداشلىرىمىزنى بىلسىڭىز، ئاشۇنداق قېرىندىشىمىز تونۇشتۇرۇلغان يازمىلارنىڭ تور ئادرېسىنى مۇشۇ يازمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويۇڭ. يۇقىرىدىكى تور بەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى سىز يوللىغان ئۇچۇردىن پايدىلانسۇن.

 

دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت

 

ئىنىمىز ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت 1970-يىلى كۇچا ناھىيەسىدە بىر ھاللىق زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1988-يىلىغىچە كۇچادا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسىنى ئالغان بولۇپ، ھەر يىلى «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بولۇپ تاللىنىپ، ئىسمى نۇرغۇن قېتىم شەرەپ تاختىلىرىغا چىقىرىلدى. 1988-يىللىق مەكتەپ بويىچە ئالىي مەكتەپكە تاللاش ئىمتىھانىدا ئابدۇشۈكۈر مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولغانلىقى ئۈچۈن، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن ئىمتىھانسىز ئوقۇغۇچى تاللاشقا ئادەم كېلىپ، تەبىئىي پەن سىنىپلىرىدىن ئابدۇشۈكۈرنى بىرىنچى بولۇپ تاللىدى. ئەمما ئابدۇشۈكۈرنىڭ تېخىمۇ چوڭ بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇش ئارزۇسى بار بولغاچقا، ھەمدە ئىمتىھان بېرىپ ئۆزىنى سىناپ باقماقچى بولغاچقا، بۇ تەكلىپنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ، ئىمتىھان بېرىش قارارىغا كەلدى. ئۇ شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 578 نومۇر بىلەن پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىرىنچى بولۇپ، شاڭخەي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. لېكىن ئىككى يىل بۇرۇن دادىسى قاتناش ھادىسىسىدە تۈگەپ كەتكەن، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغاچقا، گەرچە ئابدۇشۈكۈرنىڭ مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوقۇيدىغان مەكتەپ بىلەن كەسىپنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا ئالماشتۇردى.

بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ياتاق، سىنىپ ۋە كۇتۇپخانىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئۈچ ئورۇن ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئاساسلىق ياشاش ئورۇنلىرى بولۇپ قالدى. ئۇ ئانىسى ۋە ئائىلىسىگە ئېغىرچىلىق سالماسلىق ئۈچۈن، كىنو-تىياتىرلار ۋە ئارىلاپ ياتاقلاردا بولۇپ تۇرىدىغان «يۇرتلۇقلار» ۋە «ياتاقداشلار» ئولتۇرۇشلىرىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتى. ئۇ بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىنى ئىنتايىن زور تىرىشچانلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ھەر يىلى ھەر مەۋسۇمدا بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ياپونىيەلىك ساخاۋەتچى تەرىپىدىن تەسىس قىلغان «كوجىما ياسۇتاكا»小岛康誉) ) مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇنداقلا مەكتەپ بويىچە بىر قانچە قېتىم «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى. 1992-يىلى «ئاپتونوم رايون» بويىچە «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈلگىسى» بولۇپ باھالىنىپ، خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇراسىمدا مۇكاپاتلاندى.

ئابدۇشۈكۈر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئەنە شۇنداق قاتتىق تىرىشىپ ئوقۇپلا قالماستىن، يەنە تەتىلدە يۇرتقا قايتقاندىمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، ئىنگلىز تىلى ئۆگەندى، ھەمدە كېيىنكى مەۋسۇملۇق ئوقۇش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئىقتىساد توپلاش ئۈچۈن قۇرۇلۇشلاردا قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىدى.

ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجىسى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، فاكۇلتېتتىكىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنى 1993-يىلى باكالاۋرلۇقنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئىمتىھانسىز ماگىستىرلىقتا ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلدى. ئابدۇشۈكۈرنىڭ غايىسى بولسا ئالىي مەكتەپنى تېزرەك پۈتتۈرۈپ، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىش ئىدى. ئەمما ئانىسى ئابدۇشۈكۈرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا قوشۇلمىدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئويلاپ باق، بۇنداق پۇرسەت ساڭا كۈندە كېلىپ تۇرامدۇ؟ قانچىلىك ئادەم سەن ئېرىشىۋاتقان بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشتى؟ مېنى رازى قىلىمەن دېسەڭ، ماگىستىرلىقنى ئوقۇپ، مىللەتكە ياراملىق ئادەم بول. ئائىلىدىن غەم قىلما. ئۇكاڭ ھازىر ئائىلىنى قامداپ كېتىۋاتىدىغۇ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر». ئانىسىنىڭ بۇ سۆزى ئۇنى ئىلھاملاندۇردى. ئۇ ئانىسىغا «ئانا، مەندىن خاتىرجەم بول. سەن كۈتكەندىنمۇ بەكرەك ياخشى ئوقۇپ، ۋەتەن ۋە مىللەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن» دېدى.

ئابدۇشۈكۈر يازلىق تەتىلنى تۈگىتىپ قايتىپ كېلىپ، ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى باشلاپ كەتتى. ئۇ چاغدا ئۆتۈلۈۋاتقان دەرسلەرنىڭ سالمىقى ئۇ ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر، دائىرىسى ئۇ ئويلىغاندىنمۇ كەڭ ئىدى. ئەمما ئۇ بەل قويۇۋەتمىدى. بىلمىگەنلىرىنى خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ماتېرىياللاردىن ئىزدىدى ياكى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سورىدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئۇنىڭغا دەرس بېرىۋاتقان پروفېسسورلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى «قارا، سەن ئۆزۈڭنىڭ تىلىدا ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭچىلىك بىر نەرسىنى بىلمەيسەن» دەپ تەنقىدلەشلىرى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى.

ئىككىنچى مەۋسۇم ئاخىرىدا بىرىنچى مەۋسۇمدىن كېيىن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن ئىككى خىتاي ساۋاقدىشى يەنە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي، مەكتەپتىن چىقىرىلىدۇ. بۇ ئىش فىزىكا فاكۇلتېتىنى زىلزىلىگە سالىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي تىلىدا ئوقۇغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى 1994-يىلىدىكى فىزىكا فاكۇلتېتىدا ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش ئىدى. شۇ ئىشتىن كېيىن پروفېسسورلار ئابدۇشۈكۈرنى باشقىچە ئەتىۋارلاپ، ئۇنى ئالاھىدە ماختاپ تۇرىدىغان بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئۆزى ئوقۇۋاتقان دەرسلەردىن باشقا يەنە يۇقىرى ئېنېرگىيە ۋە قاتتىق جىسىم فىزىكىسىغا ئائىت دەرسلەرنىمۇ ئۆتىدۇ ھەمدە ئابدۇشۈكۈرنى 1995-يىلى يازدا «جۇڭگو يادرو ئېنېرگىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى»(中国原子能科学研究院)گە ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتىدۇ. بۇ ئىنستىتۇت بېيجىڭ بىلەن شىجاجۇاڭ ئارىلىقىدا، بېيجىڭ شەھىرىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى فاڭشەن ناھىيەسىدىكى بىر يېزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەردە دۆلەتلىك يادرو ئېنېرگىيىسى تېخنىكىسىغا ئائىت چوڭ تەتقىقاتلار بولاتتى. بۇ ئورۇننىڭ شەھەر بىلەن ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، ئۇ ئۈچ ۋاق تامىقىنى ئۆزى ئېتىپ يېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن بۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتىپ قويمايدۇ.

ئابدۇشۈكۈر بۇ ئىنستىتۇتقا كېلىپ، بۇ يەر بىلەن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» ئوتتۇرىسىدىكى ئاسمان-زېمىن پەرقنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ. يەنى بۇ يەردە ھەممىلا ئىشخانىدا دېگۈدەك 486 تىپلىق كومپيۇتېر بار، ھەمدە چەتئەللەر بىلەن ئېلخەت ئالاقىسىمۇ ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ بولغان بولۇپ، بۇ يەردە فىزىكا ساھەسىدىكى داڭلىق ژۇرناللاردىن «Physical Review Letters »، «Physical Review» دېگەندەك ژۇرناللار ساماندەك ئىدى. ئابدۇشۈكۈر بۇنداق شارائىتنىڭ كەم تېپىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىر ياقتىن تېزىس تېمىسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاشۇ ژۇرناللاردىن ئۆز تېمىسىغا ۋە قاتتىق جىسىم فىزىكىسىغا دائىر ماتېرىياللارنى توپلايدۇ. ئۇ يەنە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆگەنگەن فورتران 77 كومپيۇتېر پىروگراممىسى تىلىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۆگىنىپ، ئۆز تەتقىقات تېمىسىدا ھېسابلىماقچى بولغان تەتقىقات تۈرىنى پىروگراممىلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بولغان ئىنستىتۇت باشلىقى ئۇنىڭغا 486 تىپلىق كومپيۇتېردىن مەخسۇس بىرنى ئاجرىتىپ بېرىدۇ.

1995-يىلىنىڭ ئاخىرى مەكتەپتىن ئالاقە كېلىپ، ئابدۇشۈكۈرگە ئىتالىيەدىكى خەلقئارا نەزەرىيە فىزىكا مەركىزىدە (ICTP) ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىشنى تاپىلايدۇ. بۇ ئىنستىتۇت ئىسلام دۇنياسىدىن تۇنجى بولۇپ چىققان نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى پاكىستانلىق ئابدۇسالامنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن 70-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىتالىيەدە قۇرۇلغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) نىڭ تارمىقىدىكى بىر خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى بولۇپ، بۇ ئىنستىتۇت قۇرۇلغاندىن تارتىپ غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدا ئىلمىي ساھەدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينايتتى. بۇ ئورۇن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ماگىستىرلىققا ئاتالمىش «شىنجاڭ»دىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇشۈكۈر دەرھال بۇ ئىنستىتۇتقا ئىلتىماس قىلىپ، ئۇنىڭغا قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئابدۇشۈكۈر بىر يىل بۇ يەردە تۇرۇش جەريانىدا ئۇستازلىرىدىن خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، «يادرونىڭ يىمىرىلىش كەسمە يۈزىنى ھېسابلاش» تېمىسىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ تېمىدا بىر ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ پۈتتۈرىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ يازغان دىسسېرتاتسىيە ئاساسىدا ئىلمىي ماقالە يېزىپ، ئۇنى خىتايدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «جۇڭگو يادرو فىزىكا ژۇرنىلى» ۋە 1996-يىلى ئىتالىيەدە ئېچىلماقچى بولغان يادرو فىزىكا يىغىنى ماقالىلەر توپلىمىغا تاپشۇرىدۇ. 1996-يىلى 5-ئايدا ئۈرۈمچىدىن بىر خۇش خەۋەر يېتىپ كېلىدۇ. ئابدۇشۈكۈر ICTP غا رەسمىي ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭدىكى ئىشىنى پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىگە قايتىدۇ. ھەمدە بىر تەرەپتىن چەت ئەلگە چىقىشقا تەييارلىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن دىسسېرتاتسىيە ياقىلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ. 1996-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا كۈتكەن كۈنلەرمۇ كېلىدۇ. ئابدۇشۈكۈر ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقىلاپ، ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملايدۇ.

ئوقۇش-ئۆگىنىش، كەسىپ ۋە خىزمەت بىر ئىنسان ھاياتىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلسا، مۇھەببەت، ئائىلە ۋە تۇرمۇش ئۇنىڭ قالغان يېرىم ھاياتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئابدۇشۈكۈرنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرى يەنىلا «شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى»نى پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»دا خىزمەت قىلىۋاتقان يۇرتتىكى ساۋاقدىشى ھەم ئۇزۇن يىللىق يۈرگىنى گۈلنارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى قوللىشىدىن ئايرىلالمايتتى. بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ ئورتاق غايىسى ياخشى ئوقۇش، مىزانى بولسا ئېسىل ئۆرپ-ئادەت ۋە گۈزەل-ئەخلاق ئىدى. قىيىنچىلىقتىن قورقماي ھاياتقا ئۈمىد بىلەن قارايتتى. ھاياتنىڭ بىر قىسمىنى دەپ يەنە بىر قىسمىنى چۆرۈۋەتمەي، ھەممىسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇراتتى. ئابدۇشۈكۈر چەت ئەلگە چىقىشنىڭ ئالدىدا ئىككى تەرەپ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە قوللىشى، ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-ئاغىنىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن مۇبارەك تويىنى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. «ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا بىر ئىشچان ئايال بار» دەيدىكەن بەزىلەر. ئەمما ئابدۇشۈكۈرگە ئىككى ئاپىسى ۋە ئايالى تەڭ ھەمدەمدە بولۇۋاتاتتى.

ئابدۇشۈكۈر مەيلى كەسىپكە بولسۇن، ياكى تۇرمۇشقا بولسۇن جىددىي ھەم سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنكى يازغان خېتىدە ئەقىدىنىڭ ئىنساندا كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى كۈچ ئىكەنلىكىنى، ئادەم ئۆز ئەقىدىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ياشايدىغانلىقىنى، ئۆزىدە ئايالىغا ۋاپادار بولۇشتەك ئەقىدىنىڭ بارلىقىنى يېزىپ، ئايالىنى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئۇلار كېيىنكى تۆت يېرىم يىلنى ئەنە شۇنداق «كاككۇك بىلەن زەينەپ» تەك ئۆتكۈزىدۇ.

«ترىئېستې» (Trieste) دېگەن شەھەر ئادرىئاتىك (Adriatic) دېڭىز بويىغا جايلاشقان بىر گۈزەل شەھەر بولۇپ، ICTP بولسا شۇ شەھەرنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مىرامارې قەلئەسى بويىغا جايلاشقان ئىدى. ئورنى ناھايىتى ئازادە ۋە تىنچ بولۇپ، ھەقىقەتەن بىر تەتقىقات خىزمىتىگە لايىق ئورۇن ئىدى. بۇ يەردە ھەر يىلى نەچچە يۈز خەلقئارالىق يىغىنلار ئېچىلىپ تۇراتتى. ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نەچچە مىڭلىغان ئالىم، تەتقىقاتچىلار كېلىپ-كېتىپ تۇراتتى. نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى لائۇرەئانتلىرىنىمۇ كۆرۈش پات-پات نېسىپ بولۇپ تۇراتتى.

ئابدۇشۈكۈر ئەنە ئاشۇنداق بىر قايناق مۇھىتقا چۆكۈپلا كەتتى. ئۇ ئوقۇۋاتقان بۇ مەركەزدىكى دەرسلەر يۇقىرى ئېنېرگىيە، قېتىشما ماتېرىياللار ۋە ماتېماتىكا بولۇپ ئۈچ سىنىپ ئىدى. بۇ ئۈچ سىنىپتىكى 30 ئوقۇغۇچى دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن، يەنى ئالجىرىيەدىن تارتىپ جەنۇبىي ئافرىقىغىچە، موڭغۇلىيەدىن تارتىپ فىلىپپىنغىچە، تۈركىيەدىن تارتىپ رۇمىنىيەگىچە، مېكسىكىدىن تارتىپ بىرازىلىيەگىچە دېگەندەك ھەر قايسى قىتئە ۋە ھەر قايسى دۆلەتتىن ئىلتىماس قىلغان 900 گە يېقىن ئوقۇغۇچىدىن تاللانغان بىر ئارىلاشما ئىرق، ئارىلاشما مىللەت سىنىپلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلەتلىرىدە ئۈزۈپ چىققان، ئاۋانگارت ئوقۇغۇچىلار ئىدى.

دەرسلەرنىڭ سالمىقى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، دەرس ئەتىگەندە سائەت توققۇزدىن (ئىتالىيەدە ئادەتتە ھەممە ئىش سائەت توققۇزدا باشلىنىدۇ، بۇ ئىتالىيەنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى) چۈشتىن كېيىن بىرگىچە، ۋە ئىككىدىن ئالتىگىچە ھەر كۈنى سەككىز سائەتتىن ئۆتۈلەتتى. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب بۇ ماگىستىرلىق كۇرسى ئەنگلىيەنىڭ ئىككى يىللىق ماگىستىرلىق كۇرسى بولۇپ، ئىككى يىللىق دەرس بىر يىلدا ئۆتۈلۈپ بولۇنغاندىن سىرت، شۇ بىر يىل ئىچىدە ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەسى يېزىش تەلەپ قىلىناتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن تەتىل ۋە باشقا دەم ئېلىشلاردىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

مۇشۇ سالمىقى ئېغىر دەرسلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن سەككىز سائەت دەرس ۋە تاماقتىن سىرتقى ۋاقىتلار كۇتۇپخانىدا ئۆتەتتى. ئىنستىتۇت ئالدىدا شەھەر تەرەپكە ماڭىدىغان ئاخىرقى كوچا ئاپتوبۇسى كېچە سائەت 12 دە ماڭاتتى. ھەمدە ئىنستىتۇتمۇ سائەت 12 دە تاقىلاتتى. شۇڭا بۇ مەركەزدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى سائەت 12 گىچە ئىنستىتۇتتا ئۆگىنىش قىلىپ، ئاندىن قايتاتتى.

ئۆتۈلگەن دەرسنىڭ تاپشۇرۇقى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ھەر ھەپتىدە تاپشۇرۇق جۈمە كۈنى يىغىلاتتى. دەرسلەرنىڭ سالمىقىنىڭ ئېغىر بولۇشى ۋە تاپشۇرۇقلارنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن، تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ تۈگىتەلمەي، چارشەنبە ۋە ياكى پەيشەنبە كۈنى كېچىچە ئۇخلىماي تاپشۇرۇق ئىشلەش پات-پات تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئادەتتىكى ئىش ئىدى. شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ ئابدۇشۈكۈر مىرامارې باغچىسىنى ۋە دېڭىز بويىنى ئايلىنىپ سەيلە قىلغاندىن سىرت، قالغان ۋاقىتنى يەنىلا كۇتۇپخانىدا ئۆتكۈزەتتى.

ئابدۇشۈكۈر چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئىقتىسادچىل بولىدۇ، ئۇ ھەر ئايدا تېجىگەن پۇلنى ئائىلىسىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئانىسىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئۇ شۇ ئارقىلىق بولسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ.

ئابدۇشۈكۈر ICTP دىكى ئوقۇشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ. ھەمدە مارس ئاتموسفېراسى تەركىبىدىكى ھىدروگېننىڭ يۇقىرى بېسىم ئاستىدىكى مولېكۇلا قۇرۇلمىسىنىڭ شەكلىي ئۆزگىرىشى ھەققىدە دىسسېرتاتسىيە يېزىپ، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياقىلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن شۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن شېۋېتسارىيە باسەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنىدۇ.

باسەل رەيىن دەرياسى بويىغا جايلاشقان بىر قەدىمىي شەھەر بولۇپ، باسەل ئۇنىۋېرسىتېتى 1460-يىلى قۇرۇلغان، شىۋېتسارىيەدىكى ئەڭ قەدىمىي ئۇنىۋېرسىتېت ئىدى. فىزىكا فاكۇلتېتى بولسا ماتېرىيال فىزىكىسى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نانومېتىر سكالىسىدىكى مۇھىم تېما «تونىل سكانىرلىغۇچى مىكروسكوپ» (Scanning tunneling microscope, STM) غا ئاساس سالغان گۇرۇپپا ئابدۇشۈكۈر بارماقچى بولغان گۇرۇپپا شۇ ئىدى. ئابدۇشۈكۈر ئەنە شۇ تېخنىكىنىڭ داۋامى بولغان «ئاتوملار ئارا كۈچ مىكروسكوپى» (Atomic Force Microscope, AFM)نىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئاساس تىكلەش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. يۇقىرىدىكى ئىككى خىل تېخنىكىنىڭ ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇلار ماتېرىياللارنىڭ ساپلىقىنى، ۋە بىئولوگىيىدىكى DNA مولېكۇلىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈشتەك بىر قىسىم مۇھىم ساھەلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولسا 1960-يىللىرى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدە فىزىكا ساھەسىنى زىل-زىلىگە سالغان «Ambegaokar-Baratoff» نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان باراتوف ئىسىملىك ئامېرىكىلىق كىشى ئىدى. ئابدۇشۈكۈر بۇ يەردىمۇ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، باسەلدىكى ئىككى يېرىم يىللىق ئوقۇش ھاياتىنى ئىنتايىن جىددىي ئۆتكۈزۈپ، تىرىشىپ ئوقۇيدۇ. ھەمدە كەينى-كەينىدىن يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ. ئۇلار ئويلاپ چىققان نەزەرىيىۋى پەرەزلەر ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، نەچچە 10 مىڭ قۇرلۇق كومپيۇتېر پىروگراممىلىرى بىلەن ھېسابلاپ چىققان سانلىق قىممەتلەر تەجرىبىدىكى سانلىق قىممەتلەرگە ماس كېلىپ، AFM تېخنىكىسىنىڭ بىر قىسىم نەزەرىيىۋى ئاساسىنى تىكلەپ بېرىدۇ. شۇنداقلا بىر قىسىم تېخىچە يېشىپ بېرىلمىگەن تەجرىبە نەتىجىلىرىگە چۈشەنچە بېرىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىلىرى خەلقئارادىكى داڭلىق فىزىكا ژۇرناللىرىدا كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ تەجرىبە گۇرۇپپىسىدىكى باشقا تەتقىقاتچىلار بىلەن بىللە يېزىپ چىققان بىر پارچە ئىلمىي ماقالىسى دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان «ئىلىم-پەن» (Science) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

ئابدۇشۈكۈر ئاشۇ ئىككى يېرىم يىل جەريانىدا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق يىغىنلاردا ئىلمىي دوكلات بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ، ۋە ئۇنىڭ ئەمگىكى نۇرغۇن خەلقئارالىق ماقالىلەردە «پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى» سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ ماقالىلىرى خەلقئارالىق كاتالوگلارغا كىرگۈزۈلىدۇ.

ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى بىلەن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭدىن نەدىن كەلگەنلىكى ۋە نېمە مىللەت ئىكەنلىكىنى قىزىقىپ سورايدۇ. ئابدۇشۈكۈر پۇرسەتلا بولسا باشقىلارغا ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلىكىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىدۇ.

ئابدۇشۈكۈر 2000-يىلىنىڭ بېشىدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ ھەمدە ئۇنى باھالاشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، فاكۇلتېت تارىخىدا ئوقۇشنى ئەڭ تېز پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇغان فاكۇلتېتنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭ شەرىپىگە مەخسۇس بىر چوڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش زىياپىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى كىتابچە قىلىنىپ، كۇتۇپخانىغا قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسى ئىنتېرنېت تورىغا قويۇلىدۇ. ئۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار ئۇنىڭ دىسسېرتاتسىيەسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيدۇ:

http://edoc.unibas.ch/18/

دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىۋېتسارىيەدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۇچۇر-تېخنىكا شىركىتىنىڭ تەكلىپى بويىچە ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېر بولۇپ خىزمەتكە كىرىدۇ. ئۇ خىزمەت ئورنىدىمۇ توختىماي تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ. ئۇ خېلى چوڭ مۇرەككەپ ئۇچۇر سىستېما قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەش، ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئۆز ۋاقتىدا تېپىپ چىقىش ۋە تېخنىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. شىۋېتسارىيە دۇنياغا ئۆزىنىڭ بانكا سىستېمىسى بىلەن تونۇلغان. بۇ بانكىلار بولسا خەلقئارالىق بانكىلار بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇلازىمەتلىرىنى ھەر كۈنى 24 سائەت ئىچىدە بىر مىنۇتمۇ ئۈزۈپ قويماسلىقى كېرەك. ئابدۇشۈكۈرنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بانكا سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنى لايىھەلەش، ئۇنى تەلەپ بويىچە سەپلەشتۈرۈش، يېڭى تەلەپلەرنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىش، سىستېمىنىڭ تۇراقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە سىستېمىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قاتارلىق مۇرەككەپ ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر ئابدۇشۈكۈر يەنە بىر گۇرۇپپىغا مەسلىھەت بېرىش ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ مەسئۇل بولۇۋاتىدۇ.

دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت يۇقىرىدىكى شىركەتتە ئىشلەش جەريانىدا ھەر يىلى دېگۈدەك ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو، ئورلاندو ۋە ئائۇستىن (ئائۇستىن) شەھەرلىرى، شۇنداقلا ئامستېردام ۋە بىريۇسسېل، ئۇلم، ۋىسبادېن، سيۇرىخ قاتارلىق شەھەرلەردە ئېچىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ تۇردى.

دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ھازىر شىۋېتسارىيە دۆلەتلىك تېلېكومنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا تارمىقىدا ئۈچ گۇرۇپپا ئىنژېنېرلارغا تېخنىكىلىق يېتەكچى (Technical Lead of High Engineering Team) ۋە «تېخنىكىلىق لايىھەلىگۈچى» (Solution Architect) بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمەت دائىرىسى شىۋېتسىيە بانكىلىرىنىڭ سىستېمىلىرىنى لايىھەلەشتىن ئىبارەت.

دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت مەيلى قايسى ئورۇندا بولمىسۇن، ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى تەلەپتىنمۇ ئارتۇق ئورۇنلاپ كەلدى. بىلمىگەن نەرسىلىرىنى بىلگەنلەردىن سورىدى ياكى كىتاب-ماتېرىياللاردىن ئىزدەپ تېپىپ ئۆگەندى. ئۇ بىلمەسلىكنى ئەمەس، سورىماسلىقنى ئەيىب كۆردى. جاپادىن قورقمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مەيلى نېمە ئىش قىلسۇن، ئۇنىڭدا نەتىجە قازىنىپ، خىزمەتداشلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى.

دېمەك، ئىنىمىز ئابدۇشۈكۈر ھازىرغىچە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان «ئىلىم-پەن ژۇرنىلى»دا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، ھازىر يەنە دۇنيادىكى ئىقتىساد ساھەسىگە تەسىرى ئەڭ چوڭ ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان شىۋېتسىيە بانكىلىرىغا ئۇچۇر-تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇندا ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكا خادىمى ۋە تېخنىكىلىق يېتەكچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. مەن بۇ ئىنىمىزدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.

 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى

http://www.meripet.com/2015/20150417_chetel_uyghur7.htm?fbclid=IwAR0PiYbWajLUdVyoZaIggBFlQGFqdwtjTOXG3QnGewul4eYNAGCbPbsBkU0

بۇ خەۋەر 9712 قېتىم كۆرۈلدى
01/01/2020 12:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق