زەيتىنبۇرنۇدا خىتايغا قارشى يۈرۈش قىلىندى

زەيتىنبۇرنۇدا خىتايغا قارشى يۈرۈش قىلىندى

28-دېكابىر خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن 1453 زەيىتىنبۇرنۇ رايونلۇق گۇرۇپپىلار بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاش ئۈچۈن يىغىلىش ۋە يۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

پائالىيەت زەيتىنبۇرنۇ مەيدانىغا يىغىلىپ، خىتايغا قارشى يۈرۈش قىلىش بىلەن باشلاندى.

قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە تۈرك بايرىقىنى، «قىزىل كوممۇنىستلار، نەسلىڭ قۇرۇسۇن! ئىنتىقام ئۈچۈن ئاللاھ تۈركلەرنى قوغدىسۇن!» دېگەن پىلاكاتنى كۆتۈرگەن خەلق ئىستىقلال مارشى ئوقۇپ، زەيتىنبۇرنۇ مارماراي تىرامۋاي بېكىتىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.

نامايشىچىلار يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماستىن «ياشىسۇن مۈستەقىل شەرقىي تۈركىستان! شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك!» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ، مارماراي تىرامۋاي بېكىتىگىچە باردى.

بېكەت يېنىدىكى مەيداندا يېتىپ كېلىپ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىندى:

خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان بايانات ئېلان قىلىپ: «خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىسلام دىنى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپلا قالماي، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى. مىڭلىغان مەسچىتلەرنى چاقتى. ھەتتا ھەددىدىن ئېشىپ، قۇرئان كەرىمنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى بولۇپ قالدى. شۇڭا بارلىق تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ خىتايغا قارشى مەيدانغا چىقىدىغان پەيتى كەلدى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1040 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2019 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق