ئىستانبۇلدا تۈرك دۇنياسى مەسلىھەت يىغىنى ئېچىلدى

 

27-دېكابىر ئىستانبۇلدا تۈرك دۇنياسى مەسلىھەت يىغىنى ئېچىلدى.
يىغىننى قىرىم تۈركلىرىگە ياردەملىشىش جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ژۇرنالىست مۇساجان ئەر، ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئىشتىراك قىلدى.
يىغىنغا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئسىتانبۇل شۆبە رەئىسى بىرول گۈر ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلدى.

بۇ خەۋەر 887 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2019 14:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق