ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى دالا پائالىيىتىگە تەشكىللەندى


20-ئاپرېل ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى قارمىقىدىكى «ئانا تىل مەكتىپى» ئوقۇغۇچىلىرىنى دالا پائالىيىتىگە تەشكىللىدى. 
پائالىيەت ئانا ۋەتىنى ۋە ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۆزئارا تونۇشتۇرۇش، دوستلاشتۇرۇش ۋە ئانا تىلىدا پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن.
پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ۋەكىلى ئۇستاز ئابدۇسالام ئالىم تەكلىپ قىلىنىپ، بالىلارغا ئەھمىيەتلىك تەربىيەلەرنى بەردى. بالىلار يەنە پۇتبول، يۈگۈرۈش قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيىتى ۋە ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە ئى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدىكى فىلىملار كۆرسىتىلدى. 
ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى قارمىقىدىكى «ئانا تىل مەكتىپى» 20 نەچچە يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر مەكتەپتە 90 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار. بۇ قېتىمقى دالا پائالىيىتىگە 60 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەشكىللەنگەن.

بۇ خەۋەر 1698 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2019 18:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق