خىتاي يەنە كونا ھىيلىسىنى ئىشقا سالدى

خىتاي يەنە كونا ھىيلىسىنى ئىشقا سالدى
خىتاي دائىرىلىرى 9-دېكابىر شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتىپ، يالغان سۆزلىگەندىن كېيىن، خەلقئارادىكى تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلەر بۇنىڭغا كەسكىن ئىنكاس بىلدۈردى ۋە «تېخىچە ئۇچۇر يوق» ناملىق ھەشتەگ پائالىيىتىنى باشلىدى.
بۇ پائالىيەت خالقئارادا زور تۈركۈمدىكى كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئاۋازلارنى بېسقتۇرۇش ۋە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن يېڭىدىن فىلىم ئىشلەپ تارقاتقان. فىلىمدە چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى «زىيارەت» قىلىنغان. ئۇلار فىلىمدە ئۆزلىرىنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى، ئاتالمىش تەربىيەلىنىش مەركىزىدە تېخنىكا ئۆگىنىپ چىققانلىقىنى، چەتئەلدىكىلەرنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتىشقا مەجبۇرلانغان.
بۇ قىسقا فىلىم خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى سەھىپىلىرىگە قويۇلغان، شۇنداقلا ئېلان بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تارقاتقان.
خىتاينىڭ مەجبۇرىي يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش ھىيلىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم شەخسلەر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ سەھىپىلىرىگە كۆپلەپ ئىنكاس قالدۇرۇپ، دەلىل-ئىسپاتلارنى كەلتۈرۈپ، رەددىيە بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 1048 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2019 13:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق