كونيادا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

كونيادا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى
26-دېكابىر كونيا ئىلگىن ناھىيەسىدە « ئۇنتۇلغان شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا يىغىن ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەتنى ئىلگىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ۋە ئىنسانى ياردەم ۋەقفى ئى ھا ھا نىڭ ئىلگىن شۆبىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەد ئابدۇراھمان تەكلىپ قىلىندى.
ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغانلىقى، لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى

بۇ خەۋەر 1311 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2019 16:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق