ساكاريادا شەرقىي تۈركىستان...

ساكاريادا شەرقىي تۈركىستان...
26- دېكابىر تۈركىيەنىڭ ساكاريا راھىمە سۇلتان قىز ئوقۇغۇچىلار يۇرتىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان تەكلىپ قىلىندى.
يىغىندا دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان « شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى »تېمىسدا سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى تونۇشتۇردى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ھەققىدە توختۇلۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، خىتايىنىڭ شەرقىي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن يۈرگۇزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم ياشلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاش » نامى بلەن خىتاي ئۆلىكىلىرىگە مەجبۇرى سۈرگۈن قىلغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 1200 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2019 16:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق