زىمىستان تورى: جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەر قۇللۇققا سېلىنماقتا

زىمىستان تورى: جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەر قۇللۇققا سېلىنماقتا
زىمىستان تورىنىڭ 24-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىغان.
خەۋەردە فۇجيەن ئۆلكىسى جىنجاڭ شەھىرىدە ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر بۇتخانىدىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە مەجبۇرىي ئۇسسۇلغا سېلىنغانلىقىغا ئالاقىدار سىنمۇ كۆرسىتىلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ياش ئوغۇل-قىزلار بولۇپ، خىزمەت ۋاقتىدىن سىرت يەنە پات-پات ھەرقايسى يېزا-كەنتلەردە ئۇسسۇل ئويناپ ئويۇن كۆرسىتىشكە مەجبۇرلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى جازا لاگېرىدىن چىققانلار بولۇپ، قويۇۋېتىلگەن ھامان مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي ئىشچىلىققا ئەۋەتىلگەن. ئەگەر بۇيرۇققا بويسۇنمىسا قايتىدىن جازا لاگېرىغا قامىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇلارنىڭ زاۋۇتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشى قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئۆتىدىغان بولۇپ، خىزمەت ۋاقتىدىن سىرت يەنە خىتاي تىلى ۋە قانۇن-تۈزۈم ئۆگىنىدىغانلىقى، ھەرھەپتىدە بايراق چىقىرىشقا قاتنىشىدىغانلىقى، ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىنىڭ كۆزىتىلىپ تۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ياتاق بىناسىغا تۆمۈر ئىشىك ئورنىتىلىدىغان بولۇپ، ھەركۈنى كەچتە يوقلام قىلىنىدىكەن، سىرتقا خالىغانچە چىقىشىغا يول قويۇلمايدىكەن. ئۇلارنىڭ ياتىقى ھەر ھەپتىدە تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، دىنىي بۇيۇملارنىڭ بار-يوقلۇقى ۋە ئىبادەت قىلغان-قىلمىغانلىقى ئېنىقلىنىدىكەن.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بۇ جىنايىتىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش» دەپ پەردازلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنىگە 13 سائەتكە يېقىن ئىشلەيدىغانلىقى، ئەمما ئايدا ئاران 3000 سوم مائاش ئالىدىغانلىقى، ئوخشاش زاۋۇتتىكى خىتايلارنىڭ بولسا ئۇيغۇرلاردىن ئاز ئىشلەيدىغانلىقى، ئەمما ئۈچ ھەسسە ئارتۇق مائاش ئالىدىغانلىقى ئاشكارىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، جياڭشى، گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق ھەرقايسى خىتاي ئۆلكىلىرىگە جازا لاگېرىدىن چىققان ئۇيغۇرلار كۆپلەپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى چۈەنجوۋ شەھىرىدىلا 20 نەچچە زاۋۇتتا مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

بۇ خەۋەر 1226 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2019 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق