كۇچار ناھىيەسى شەھەرگە ئۆزگەرتىلدى

كۇچار ناھىيەسى شەھەرگە ئۆزگەرتىلدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى»نىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن خىتاي كۇچار ناھىيەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر قىلىپ ئۆزگەرتكەن.
كۇچا ناھىيەسى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە تەۋە ناھىيە بولۇپ، قەدىمىي نامى كۈسەن. ئۇ تەڭرىتىغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، تارىم ئويمانلىقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، يەر كۆلىمى 15200كىۋادرات كىلومېتىر. كۇچاردا سەككىز بازار، ئالتە يېزا، تۆت كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى، 223 كەنت،51 ئاھالىلەر كومىتېتى، 600 مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇس بار.
كۇچارنىڭ تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيەتى پارلاق بولۇپلا قالماستىن، تەبىئىي بايلىقلىرىمۇ ئىنتايىن مول. ئىگىلىنىشىچە كۇچارنىڭ تەبىئىي گاز زاپاس مىقتارى 200مىليۇن كۇپ مېتىردىن، نېفىت زاپاس مىقتارى بىر مىليارد 500مىڭ توننىدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ تارىم ئويمانلىقىدىكى ئېنىقلانغان نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ %90دىن ئارتۇق ئىكەن. كۇچار-تارىم نېفىتلىكىنى ئېچىشتىكى ۋە خىتاينىڭ «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» دىكى مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1155 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2019 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق