بالىكەسىردە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

بالىكەسىردە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى
24-دېكابىر تۈركىيەنىڭ بالىكەسىر ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتنى بالىكەسىر ۋىلايىتى مائارىپ ئىدارىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، بالىكەسىر شۇلە يۈكسەل شەنلەر ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتپى، گۈلشەر مەھمەت بوللۇق ئانادولۇ ئوتتۇرا مەكتىپى، ئالباي تاييان ئوغۇز ئوتتۇرا مەكتىپى، فاتىمە ئەمىن كۇتۋاي ئانادولۇ ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە ئىلىم تارقىتىش جەمئىيىتى ھەسەن ساغلام پاشا قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۇيۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەد ئابدۇراھمان تەكلىپ قىلىندى.
ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ھەر قايسى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، ئۆز ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

بۇ خەۋەر 1298 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2019 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق