قاماقخانىلاردا دىن ۋە ئەخلاق دەرسلىرى بېرىلىدىغان بولدى

قاماقخانىلاردا دىن ۋە ئەخلاق دەرسلىرى بېرىلىدىغان بولدى
تۈركىيە ئەدلىيە مىنىسرلىكى بىلەن تۈركىيە دىنىي ئىشلار مەھكىمىسى قاماقخانىلاردا دىن ۋە ئەخلاق دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە كېلىشىپ، تۈرمىدىكى مەھبۇسلار، ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغانلار ۋە يېنىكلىتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلارغا دىنىي بىلىم ۋە روھىي جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، خەلق ئىچىدىكى جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ دىنىي چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان.
بۇ كېلىشىمدىكى يارقىن نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:
تەستىققا بىنائەن ۋائىزلار، دىنىي ئىشلار مەھكىمىسى خىزمەتچىلىرى، پېنسىيەگە چىققان دىنىي زاتلار ھەپتىدە ئەڭ ئاز تۆت كۈن دىنىي دەرس بېرىدۇ.
ئۆسمۈرلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ھەر 100 بالىغا، چوڭلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا ھەر 200 كىشىگە بىر مەسئۇل خادىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
قاماقخانىلاردا قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىش، قارىيلىق، دىن ۋە ئەخلاق دەرسلىرى ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، ئايدا ئەڭ ئاز بىر قېتىم دىنىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. كېسەلخانا ۋە قاماقخانىلاردا دىنىي سۆھبەتلەر تەشكىللىنىپ، مەھبۇسلار بىلەن ئۇچرىشىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
تۈركىيە دىنىي ئىشلار نەشرىياتى ۋە دىنىي ئىشلار مەھكىمىسى باشچىلىقىدا دىنىي ئىشلار كالىندارى، بالىلار دىنىي ئىشلار كالىندارى، دىنىي ژۇرنال قاتارلىق نەشر بۇيۇملىرى ھەربىر كېسەلخانىغا قەرەللىك ياكى قەرەلسىز ھالدا ئەڭ ئاز ئۈچ پارچىدىن تارقىتىلىدىكەن.
قاماقخانىلاردا دىنىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو پىروگراممىلىرى تارقىتىلىدىكەن، ھېيت نامىزى ۋە جۈمە نامىزى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
قۇرئان كۇرسى ۋە قارىيلىق كۇرسى كۇرسانتلىرى تەلەپ قىلسا، كۇرستا ئوقۇغانلىق ئىسپاتى ۋە شاھادەتنامە بېرىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 14524 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2019 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق