سىلىۋىردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى
25-دېكابىر ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋىر رايونىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىننى خەلق تەشەببۇسى ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، ش ت ت ب رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ قىلىندى.
يىغىندا ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئەڭ ياخشى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر مەزگىللەردىمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» سۆزىنىڭ ئورنىغا بارلىق تۈركىي خەلقلەر ئولتۇراقلاشقان رايوننى بىلدۈرىدىغان «تۈركىستان» دېگەن ئاتالغۇنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قويۇۋالغان «شىنجاڭ» دېگەن ئىسىمنى قوللىنىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمدىن باشقىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى، ئىرقىي جەھەتتە تۈرك مىللىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، شۇنداق تۇرۇپ تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كېلەلمەي ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خالىغانچە باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.