خىتاي قۇرئان ۋە ئىنجىلنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

خىتاي قۇرئان ۋە ئىنجىلنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
ياۋروپا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى كۈندىن-كۈنگە بوغۇلۇۋاتقان خىتايدا شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى قۇرئان، ئىنجىل ۋە بۇددا نوملىرىنىڭ تەپسىرلىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدىيەسىگە ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
بۇ يىل 11-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭنىڭ تەشكىللىشى بىلەن دىنىي ئىشلارغا ئالاقىدار سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، خىتايدىكى دىنىي زاتلارنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان. يىغىندا دىنىي مەزمۇنلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىر قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىغىن ھەققىدىكى خەۋىرىدە: «دىنىي كىتابلاردىكى مەزمۇنلارنى خاتا شەرھلىمەسلىك، زۆرۈر تېپىلغاندا كومپارتىيە ئىدىيەسىگە ماس كەلمەيدىغان مەزمۇنلار ئۆزگەرتىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئىدىيەسىگە ماسلىشىدىغان قىلىپ تەپسىر قىلىنىشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى دىنىي ئىشلار ۋەكىللەر يىغىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىنىي ئىشلار ھەققىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئېچىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ نىشانى ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسىگە بېقىنغان، چەتئەلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان، خىتايلاشقان دىن بەرپا قىلىش ئىكەن.
خىتاينىڭ نازارىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان تارىخشۇناس جاڭ لىفەن مۇنداق دېگەن: «كومپارتىيە بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، ئىسلام دىنى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە رەقىب ھېسابلايدۇ. خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك كومپارتىيەگە خائىنلىق قىلىشىدىن قورقۇپ، دىنىي ئىشلارغا بولغان بېسىم ۋە چەكلىمىنى كۈچەيتمەكتە».
بۇ يىل 1-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش مەقسىتىدە قانۇن چىقارغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىسلامنى كوممۇنىزم بىلەن ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئىسلام دىنىنى چەكلەش ئۈچۈن بارلىق چەكلىمىلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە مۇقەددەس كىتابلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقى خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىغان.

بۇ خەۋەر 13002 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2019 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق