تەشكىلات ھەيئەتلىرى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنى زىيارەت قىلدى
24-دېكابىر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى مەھمەت ئەلى بولات ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
مەزكۇر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئاچىل گۇرۇپپىسى قاتارلىق تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇيۇشما رەئىسى مەھمەت ئەلى بولات ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.
زىيارەتتە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، ئورۇنلىشىش ۋە ياتاق ئەھۋاللىرى مۇزاكىرە قىلىنىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قانداق قىلىپ كەلگۈسىدە ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتا ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىزمەت ئۈنۈملۈك داۋاملاشماقتا.