ئۆلىمالىرىمىز مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتتى


شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى غەرب دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلمىگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى ئەرەب دۇنياسىغا تونۇشۇرۇشنى چىڭ تۇتتى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئۇستاز مەھمۇدجان داموللام ئەرەبلەرنىڭ «ئەششەرق»، «ئەلۋەتەن»، «ئەلئەرەبىي» قاتارلىق ئەرەب قاناللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
مەھمۇدجان داموللام خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىغا، ئىنسانىيەتكە قارشى باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەرنى چېقىپ، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنلىكى، دىندا ئوقۇغانلارنى تۇتقۇن قىلىپ قىرغىن قىلغانلىقى، مۇسۇلمان بولۇشنى جىنايەت قاتارىدا ساناپ جازالىغانلىقى، قىز-ئاياللارنى خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى، ئەرلەرنى لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە قاماپ، ئائىلىلەرگە خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ناماز، روزا قاتارلىق بارلىق ئىبادەتلەرنى چەكلىگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى دىندىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ قىرغىن قىلغانلىقى قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي پاش قىلدى.
مەھمۇدجان داموللام يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى سۈرەتلەر بىلەن پاكىتلىق تونۇشتۇردى ھەمدە ئەرەب دۇنياسىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىردى.

بۇ خەۋەر 942 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2019 01:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق