شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىقتىسادىي چېكىنىش خىتايلارنىڭ تۈركۈملەپ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلار كۆپلەپ كۆچۈپ كېتىشكە باشلىغان.

خەۋەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەردىن بىرى بولغان كورلا شەھىرىدىكى پۇقرالارنىڭ يېرىمىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكى، كۆچۈپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي سودىگەرلەر ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىشى نەتىجىسىدە سودا-سېتىق ئىشلىرىنىڭ كاساتلاشقانلىقى، خىزمەتچى تېپىشنىڭمۇ تەسلىشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بۇلاردىن سىرت شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى بېسىملىق باشقۇرۇش سىياسىتىگە خىتايلارمۇ چىدىيالمىغان بولۇپ، تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلار سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان خىتايلار كۆچۈپ كېتىشنى قارار قىلغان.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر يىلى 400 مىليارد خىتاي پۇلى قىممىتىدىكى تولۇقلىما ياردىمى تەمىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىشىنى توسۇپ قالالمىغان. بۇ سەۋەبلىك نۇرغۇنلىغان خىتايلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر 1219 قېتىم كۆرۈلدى
24/12/2019 18:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق