نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى
21-دېكابىر نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتنى نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئۇنىۋېرسىتېت زالىغا يىغىلغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، مەيدانىدا چىڭ تۇرغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.