ياشلار قىزىلئاي ئەترىتىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى
21-دېكابىر تۈركىيە ياشلار قىزىلئاي ئەترىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەت ياشلار قىزىلئاي ئەترىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان يىغىلغان ياشلارغا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە خىتاينىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى مەجبۇرىي كىيدۈرۈپ، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلاشقا ئوخشاش ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.