ئىستانبۇلدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىكنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە قۇتادغۇبىلىكنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

21-دېكابىر ئىستانبۇلدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى ۋە قۇتادغۇبىلىك يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەشكىللىگەن بولۇپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ئاكادېمىكلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا قۇتادغۇبىلىكنىڭ دەۋرىمىزدىكى ئەھمىيىتى بىر قانچە نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىندى. ئاكادېمىكلار بىر-بىرلەپ سۆزگە چىقىپ، بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى، بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋردە جەمئىيەتشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق ساھەسىدە نۇرغۇن پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئوينايدىغان روللىرىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.
يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەشكىللىشى، تەكلىماكان نەشرىياتىنىڭ نەشر قىلىشى بىلەن روياپقا چىققان قۇتادغۇبىلىكنىڭ يېڭى نەشرى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى.
مۇھاكىمە يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىش ئەھۋاللىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1190 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2019 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق