خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى كۈچىيىشىكە باشلىدى
«Upnewsinfo» تورىنىڭ 20-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مالايشىيادىكى داڭلىق فەقىھلەردىن بىرى دوكتور ئەسرى زەينۇل ئابىدىن خىتاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.
ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تەسىر كۈچى بار مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتايغا ئىقتىسادىي ۋە دېپلوماتىك بېسىم چۈشۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئالدىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خەلقئارادىكى خىتايغا بولغان قارشىلىق ئاۋازى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قوزغالغان «خىتايلار تېررورىست»، «خىتايلار مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرمەكتە» قاتارلىق ھەشتەگ پائالىيىتىگە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە مىليونلىغان كىشىلەر ئاۋاز قوشقان. شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخسلەر خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.