خىتايدىكى تۇڭگان ئىماملار يېڭى «شامال»غا دۇچ كەلدى

خىتايدىكى تۇڭگان ئىماملار يېڭى «شامال»غا دۇچ كەلدى

زىمىستان تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان ئىماملار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېڭى رەتكە سېلىش نىشانىغا ئايلانغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خېنەن ئۆلكىسىدىكى يەرلىك بولمىغان ئىماملار ئۆز يۇرتىغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان. ئاز بىر قىسىم تەسىرى بار ئىماملار قايتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»قا ماسلىشىقا مەجبۇرلانغان.
تۇڭگان پۇقرالارنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، نەچچە ئون يىل خىزمەت قىلغان ئىماملارمۇ مەجبۇرىي ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇلغان، نوپۇس يۆتكىمەكچى بولغان بولسىمۇ تەستىقلانمىغان. قايتۇرۇلمىغان ئىماملارنىڭ مەخسۇس ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، يىللىق تەكشۈرۈلۈپ تۇرغان.
ئىماملار قايتۇرۇۋېتىلگەچكە، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى مەسچىتلەرنىڭ ئىمام تەربىيەلىشىگىمۇ رۇخسەت قىلمىغاچقا، تۇڭگانلارنىڭ نىكاھ، ئۆلۈم-يېتىم ۋە كۈندىلىك ئىبادەتلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان.
بىر تۇڭگان پۇقراسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، دىنىي سىمۋول، بەلگىلەرنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى، ئەمدى كېلىپ ئىماملارنىڭ قوغلىنىۋاتقانلىقىنى، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئىسلام دىنىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 11782 قېتىم كۆرۈلدى
20/12/2019 15:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق