شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن مۇسۇلمان رەھبەرلىرىگە چاقىرىق

 

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن مۇسۇلمان رەھبەرلىرىگە چاقىرىق

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مالايشىيانىڭ كۇئالالۇمپۇردا يىغىن ئېچىۋاتقان مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى قوللاشقا چاقىرىق قىلدى.
چاقىرىقتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن كۇئالالۇمپۇرغا يىغىلغان رەھبەرلەرگە خەلقىمىزنىڭ سالىمىنى يەتكۈزىمىز. بىز قېرىندىشىڭلار شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۆلىتىڭلار ۋە يۇرتۇڭلارنىڭ تىنچ-ئامان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سىلەرنى ئىسلام دۇنياسىدىكى كىرىزىسلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كۇئالالۇمپۇرغا يىغىلىشىڭلار بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرى ھەققىدە ئېنىق مەيدانىڭلارنى بىلدۈرۈشكە چاقىرىمىز. چۈنكى سىلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىۋاتىسىلەر. شۇڭا سىلەرنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىغا ئوچۇق مەيدانىڭلارنى بىلدۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشىغا قارشى مەيدانىڭلارنى بىلدۈرۈش ۋاقتى يېتىپ كەلدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىش، مىليونلىغان كىشىلەرنى لاگېرغا قاماش، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش، مىڭلىغان كىشىنى يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىش، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش، مەسچىتلەرنى چېقىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلەر بىلەن چەتئەلدىكى كىشىلەرنىڭ ئالاقىسىنى چەكلەش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر. سىلەرنى جازا لاگېرىدىكى بىگۇناھ كىشىلەرنى قويۇپ بېرىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز».

بۇ خەۋەر 1300 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2019 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق