كۈلتۈر سەنئەت مەركىزىدە شەرقىي تۈركىستان...
-18 دېكابىر ئىستانبۇلنىڭ زېيتىنبۇرنۇ رايونى كۈلتۈر سەنئەت مەركىزىدە شەرقىي تۈركستان مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى 18- دېكابىر كۆچمەنلەر كۈنى مۇناسىۋتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى تەشكىللىدى.
كۆرگەزمىنى ئسىتابۇل ۋالسى ، زېيتىنبۇرنۇ رايۇنلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى زىيارەت قىلدى. كۆرگەزمىدە بالىلار ۋە چوڭلار ھەر خىل سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئورۇندىدى. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ۋەكىللىك مەدەنىيەت بويوملىرىدىن ئەرەنچە ۋە ئايالچە دوپپىنىڭ ھەر خىل تۇرى، كىيىم- كېچەكلەرىن تون، ھەر خىل ئەرەنچە ۋە ئايالچە كانۋاي كۆينەك، ئوي سەرەمجانلىرىدىن ھەر خىل ياستۇق، كۆرپە، يوتقان قاپلىرى، بۈشۈك، لىگەن، پەتنۇش، خورجۇن، گېلەم، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تارىخي ۋە مەدەنىيىتى ھەمدە شەرقىي تۈركستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان كىتاب ژورناللار، چوڭ- كىچىك شەرقىي تۈركسىتان بايراقلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسىلەرنىڭ رەسىملىرى تىزىلدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار يېمەكلىكلەرمۇ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلدى