زونگۇلداق ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى
18-ئۆكتەبىر زونگۇلداق ۋىلايىتىدە دۇنيا كۆچمەنلەر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىدىن مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپا زونگۇلداق ۋىلايىتى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن پائالىيەتكە قاتناشتى. پائالىيەتكە يەنە ئافغانىستان تۈركلىرى ۋە سۇرىيەلىك كۆچمەنلەردىنمۇ ۋەكىللەر قاتناشقان بولۇپ، ئاتا تۈرك كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە زونگۇلداق ۋىلايىتىنىڭ ۋالىي ياردەمچىسى نەۋزات تاشتان ئەپەندى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تونگە ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
نەۋزات تاشتان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ھازىر تېخىمۇ ئېغىرلاشقان زۇلۇمدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ياردەمدە بولۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەقدىم قىلىنغان سوۋغىلارنى قوبۇل قىلغان رەھبەرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دوستانە ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، قەدەم تەشرىپ قىلغان ۋە بۇ پائالىيەتكە رەڭدار تۈس قوشقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ئالاھىدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
پائالىيەتتىن كېيىن كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا چاي سۆھبىتى ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان گۇرۇپپا ئەزالىرى ۋە زونگۇلداقتىكى ئۇيغۇرلار ۋەكىلى چاي سۆھبىتى جەريانىدا تۈرك خەلقى ۋە دۆلىتىنىڭ، شۇنداقلا كۆچمەنلەر ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىگە بولغانلىقى، كۆرسەتكەن دوستانىلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى تونۇتۇشقا تېخىمۇ ياخشى ئىمكانىيەتلەرنىڭ يارىتىلىشى ئۈچۈن ياردەم ۋە قوللاشلارنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا زونگۇلداق كۆچمەنلەر ئىدارىسى ۋەكىللەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، سوۋغا تەقدىم قىلدى.