ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى قۇل ئورنىدا بازارغا سېلىۋاتقان ئىككى خىتاي شىركىتى ئېنىقلاندى

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى قۇل ئورنىدا باشقا زاۋۇتلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىگە ئالاقىدار سۈرەتلەر ئاشكارىلانغان بولۇپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان.

تارقالغان سۈرەتلەرنىڭ بىرسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەلۇم بىر خىتاي ئۈندىداردا ئېلان چىقىرىپ، زور تۈركۈمدە ئۇيغۇر ئىشچى قىزلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ باشقا زاۋۇتلارغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يەنە بىر ئۇچۇر بەيدۇ تورىغا يوللانغان بولۇپ، يوللىغۇچى خىتاي قولىدا ئۇيغۇر قىز ئىشچىدىن مىڭ نەپىرى بارلىقىنى ئېيتقان ۋە نىڭبو شەھىرىدىكى زاۋۇتلارنىڭ ئېھتىياجى بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلغان.

ئۇندىن باشقا 2017-يىلى يوللانغان زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر قىز ئىشچىلارنى ئۆتۈنۈپ ھەققىدىكى بىر ئۇچۇرمۇ بايقالغان.

ئاگېنتلىقىمىز سۈرەتتىكى تېلېفون نومۇرلىرىغا ئاساسەن خىتاي تور بېكەتلىرىدىن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئىزدەش ئارقىلىق ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان ئىككى شىركەتنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.

1. ئۈندىدارغا ئېلان چىقارغۇچى لى ياڭ (李杨) ئىسىملىك خىتاي يەنە باشقا تور بېكەتلەرگىمۇ شىركەت ئېلانلىرىنى يوللىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇنىڭ «روم ئېلېكترون (داليەن) چەكلىك شىركىتى» (罗姆电子(大连)有限公司)دىن ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر شىركەت ياپونىيەنىڭ داڭلىق ئېلېكترون زاپچاسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى «روم گۇرۇھى»(ROHM)نىڭ داليەندىكى تارماق شىركىتى ئىكەن.

2. 2017-يىلىدىكى ئۇچۇرنى يوللىغان خىتاينىڭ ئىسمى جاڭ كۈن (张坤) بولۇپ، ئۇنىڭ خاڭجۇ تيەنيۆ ئادەم كۈچى بايلىقى چەكلىك شىركىتىدىن (杭州天悦人力资源有限公司) ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى، بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ، قۇل ئورنىدا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1945 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2019 09:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق