شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى فىلىپپىن ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى فىلىپپىن ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
15-دېكابىر ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارا ئىسلامىي تەشكىلاتلار قۇرۇلتىيىغا ئىشتراك قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەكىللىرى فىلىپپىندىن كەلگەن باڭسا مورو (Bangsa Moro) تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ھاجى مۇراد ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە ئالدى بىلەن ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. ئارقىدىن خەلقئارادا قانداق سىياسىي كۈرەش قىلىش، قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.
باڭسا مورو تەشكىلاتى مورو مۇسۇلمانلىرىنى ئاساس قىلىپ، يېڭى بىر ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلات بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆز رايونى ۋە خەلقئاردا سىياسىي پائالىيەتلىرىنى باشلىغان.

بۇ خەۋەر 1368 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2019 16:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق