خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى
14-دېكابىر ئەنقەرە ئاسما كۆۋرۈك خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىدە شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ھەرقايسى دۆلەتتىن تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئەرلەرنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» نامىدا ئائىلىلەرگە خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، بىر قىسىم ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلى تونۇشتۇردى.