خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ پۇلىنى خەلقتىن ئالغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ پۇلىنى خەلقتىن ئالغانلىقى ئاشكارىلاندى

يېقىندا ۋەتەندىن چىققان بىر شاھىت شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى ئىستىقلال بۆلۈمىمىزگە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاشكارىلاپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تۆۋەندىكى ئالتە تۈرگە بۆلۈپ تۇتقۇن قىلدى:
1. ساقال قويغانلار ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق كىشىلەر.
2. يۈزىنى ياپقانلار ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق كىشىلەر.
3. دىنىي ئالىملار، ئىماملار، دىندا ئوقۇتقان ۋە ئوقۇغانلار ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بارلىق كىشىلەر.
4. چەتئەلگە چىققانلار ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بارلىق كىشىلەر.
5. پىلاندىن سىرت پەرزەنتلىك بولغانلار ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق كىشىلەر.
6. 80-يىللار بىلەن 90-يىللار ئارىسىدا تۇغۇلغانلار.
7. ئاتالمىش قوشماق تۇغقان خىتايلارغا ماسلاشمىغانلار.
8. كەنتلەردىكى مەجبۇرىي سىياسىي ئۆگىنىشكە نارازىلىق ئىپادىسىدە بولغانلار.
خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغمىغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى ئالدىغا كۆزىتىش كامېراسى ئورنىتىپ، كامېرا پۇلىنى، قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆي ئىگىسىدىن مەجبۇرىي ئالدى.
ھەر قانداق كىشى ئاتا-ئانىسى ياكى بالىلىرىنىڭ ئۆيىدە ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق تۇرماقچى بولسا، چوقۇم تەۋەلىكتىكى خىتاي قورچاق ئەمەلدارلىرىغا مەلۇم قىلىشى شەرت. ئەگەر رۇخسەت قىلىنماي ئۈچ سائەت ئىچىدە قايتىپ كەلمىسە، «قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان» دېگەن تۆھمەت بىلەن جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ھەرقانداق دېھقان كۈندە كەچ سائەت توققۇز-ئونلارغىچە خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىدۇ.
يەنە 18 ياشتىن يۇقىرى 30 ياشتىن تۆۋەن بويتاقلارنى ئوغۇل-قىز دېمەستىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلدى. بارمايمەن دېگەنلەرنى لاگېرلارغا قامىدى.
ئاتا-ئانىسى لاگېرغا قامالغان بالىلارنى بولسا «بەشتە كاپالەتلىك ئائىلە» قاتارىدا 400 سومدىن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېرىپ، ھازىرچە يېقىن تۇغقانلىرى بولۇپ قالسا، ئۇلارغا باقتۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر باقالمايمەن دېسە، قول قويدۇرۇپ بالىلار لاگېرىغا ئېلىپ كېتىدۇ.
ئۇندىن باشقا مەسچىت چاققاندا چىرايىدا نارازىلىق ئىپادىسى كۆرۈلگەنلەرنى تېپىپ چىقىمىز، دەپ كامېرا ئورناتتى. شۇ مەسچىت بار مەھەللىنىڭ ئادەملىرىنى مەسچىتنىڭ ئالدىغا تىزدى. ئاندىن كولاش، ئىتتىرىش ماشىنىلىرى ئارقىلىق چېقىپ تاشلىدى. خۇددى دېلو بىر تەرەپ قىلغاندەك، مەسچىتنىڭ ھېچقانداق نەرسىسىگە يېقىنلاشتۇرمىدى.
شەھەرلەردە %70تىن ئارتۇق مەسچىتلەر چېقىۋېتىلدى. ھەتتا چېقىلغان مەسچىتلەرنىڭ توپىسىمۇ قېزىپ ئېلىۋېتىلىپ، ئورنىغا باشقا توپا توشقۇزۇلۇپ، ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ئوخشاش ئورۇنلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىلدى.
يېزىلاردا بولسا %80تىن ئارتۇق مەسچىتلەر چېقىۋېتىلدى. ساق قالغانلىرىدىن بەزىسى توي-تۆكۈن زالىغا، يەنە بەزىلىرى كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلدى».
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: «نەچچە يىلدىن بېرى خىزمەت قىلىپ كەلگەن بۇرۇنقى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك لاگېردا ياكى تۈرمىدە. ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئوقۇمىغان، جەمئىيەتتە يامان دەپ ئاتالغان كىشىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارغا مائاش بەرمەيدۇ. ئۇلار لاگېرلار قامالماسلىق بەدىلىگە ئىشلەيدۇ.
ئۇلار پەقەت كىشىلەرنى چېقىپ، پاش قىلسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنى «مەن ئادىمىڭلارنى قۇتقۇزۇپ بېرىمەن» دەپ ئالداپ ياكى «سېنىمۇ سولىتىۋېتىمەن» دەپ قورقۇتۇپ، پۇل ئۈندۈرۈپ جان باقىدۇ. قانۇن دەيدىغان نەرسە يوق، ھەممە يەردە ناھەقچىلىق، ھەممە يەردە زۇلۇم.
جازا لاگېرلىرىنىڭ مەسىلىسى بەك قورقۇنچلۇق. ئۇ يەرگە كىرگەن كىشىلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، يا جىنايەت ئۆتكۈزگەن، ياكى بىرەر سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ئادەملەر ئەمەس. شۇڭا ئۇلاردىن سىرتتا قالغان ئائىلىسى، تاشلىنىپ قالغان ئىشلىرىنى تولا ئويلاپ، نېرۋىسىدىن ياكى يۈرىكىدىن چاتاق چىققانلار نۇرغۇن، روھىي بېسىمدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئۇ يەرگە قامالغانلار تۆھمەتنىڭ قۇربانى بولۇۋاتىدۇ. نامسىز كىشىلەر تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ ئارتىلغان جىنايەتنى ئېتىراپ قىلسا بەش يىل، ئېتىراپ قىلمىسا ئون يىل دېگەندەك ھۆكۈم كېسىلىپ، تۈرمىگە يوللىنىدۇ ياكى شۇ يەردە ئازاب ۋە خورلۇق ئىچىدە ياتىدۇ. قويۇپ بېرىلگەن كىشى يوق دېيەرلىك. پەقەت ئۆلۈپ كېتىدۇ دەپ قارالغان كېسەللەردىن بەزىسى، بەك قېرىپ، ئاجىزلاپ كەتكەنلىرى قويۇپ بېرىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

بۇ خەۋەر 1336 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2019 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق