يېڭى زىنلاندىيەدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى

 

يېڭى زىنلاندىيەدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى

13 – دىكابىر جۈمە كۈنى يېڭى زىنلاندىيەنىڭ ئوكلاند شەھىرىدە بىر گۇرۇپ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئوچۇق قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دۇنيانىڭ بۇ باستۇرۇشنى قىرغىنچىلىق دەپ  ئاتىشى ئۈچۈن يەنە  قانچىلىك ئۇيغۇر ئۆلۈشى كېرەك دېگەنلەرنى بىلدۈرۈشۈپ شۇئار توۋلاشتى ۋە يولدىن ئۆتكەنلەرگە خەلقىمىز تارتىۋاتقان زۇلۇم چۈشەندۈرۈلگەن ۋاراقچىلارنى تارقاتتى.

شۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز بۇ ياشلارنىڭ پائالىيىتىگە رەھمەت ئېيتقىنىدا، ئۇلار: رەھمەت ئېيتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىز ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ قىرغىنچىلىققا بىر چەتتە قاراپ تۇرالمايتتۇق، دەپ جاۋاب بېرىشكەن.

بۇ خەۋەر 1413 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2019 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق