خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئالدىدا

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئالدىدا
13‏-دېكابىر زىمىستان تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەجبۇرىي ھالدا مىللىي كىملىكىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىغان.
خەۋەردە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرگەن خىتاينىڭ ئۇلارنى خىتايلىشىشقا مەجبۇرلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىدىن ئايرىلغان ھالدا ياشاشقا مەجبۇرلىنىپ، مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا باشلىغانلىقى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇر سىنىپلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى مەمۇرىي چارىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار «خىتايچە سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ماركىسىزمنىڭ ۋەتەن، مىللەت، دىن، ماتېرىيالىزم ۋە ئاتېئىزم نۇقتىئىينەزەرىنى نامايەن قىلىش» دېگەندەك كوممۇنىزم ئىدىيەلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇخبىرلار خىتاي ئوقۇتقۇچىسىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش دولقۇنى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، سىرتقا چىقىش، باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى، بارماق تونۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئىگىلىگەن.

بۇ خەۋەر 1505 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2019 15:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق