خەلقئارا ئىسلامى تەشكىلاتلار قۇرۇلتىيى ئەنقەرەدە باشلاندى

خەلقئارا ئىسلامى تەشكىلاتلار قۇرۇلتىيى ئەنقەرەدە باشلاندى

14-دېكابىر 18-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلتىيى ئەنقەرەدە باشلاندى.
قۇرۇلتايغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئىشتىراك قىلدى.
قۇرۇلتاينى ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائي تەتقىقات مەركىزى تەشكىللىگەن بولۇپ، قۇرۇلتاي 14- ۋە 15-دېكابىر ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ. قۇرۇلتايغا خەلقئارادىكى بارلىق ئىسلام تەشكىلاتلىرى قاتناشتى. قۇرۇلتاينىڭ ئاساسلىق نىشانى يېڭى دۇنيانى بىخەتەرلىك، ئادالەت ۋە مەرھەمەت ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.
بىلدۈرۈلۈشىچە، قۇرۇلتايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنمەكچى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 9640 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2019 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق