شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئاققۇنلىرى پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئاققۇنلىرى پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى
زىمىستان تورىنىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشكەن خىتايلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشى مەنئىي قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قىرغىن قىلىش بىرگە، ئالاھىدە يۇقىرى تەمىنات بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ بېرىشقا قىزىقتۇرغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇنلىغان خىتايلار نوپۇسىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ، كۆچۈپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ بىر قىسمى يۇقىرى بېسىملىق باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسىغا چىدىماي، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشنى ئويلاشقان. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشى چەكلەنگەن.
زىمىستان تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي ئۆزىنىڭ نەچچە يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى، كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغاندا رەسمىيەتلىرىنىڭ بېجىرىپ بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2017-يىلى ئۆيىدىكىلەرنى ئېلىپ، يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. ئەمما ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ نوپۇس يۆتكەش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان. بۇ سەۋەبلىك ئۇ داۋالىنىش ۋە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىلىرىدىن بەھرىمەن بولالمىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىمۇ ئىزچىل ھەل بولمىغان.
خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى تولۇق خىتايلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاققۇن خىتايلارغا «كېلىش بار، كېتىش يوق» دېگەن سىياسەتنى قوللانغان بولۇپ، پۇشايمان قىلغان بىر قىسىم خىتايلار باشقىلارنى ھەرگىز شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ بارماسلىققا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 1235 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2019 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق