تۈركىيەدە كىم قانچىلىك مائاش ئالىدۇ؟

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدە جەمئىي 81 ۋىلايەت بار بولۇپ، بۇ ۋىلايەتلەرگە قاراشلىق جەمئىي 922 ناھىيە بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن 30 شەھەر بار بولۇپ، ئىستانبۇل ئەڭ چوڭ شەھىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقى ناھىيەلەرنىڭ 39ى بىۋاسىتە ئىستانبۇلغا قارايدىغان بولۇپ، رەسمىي نوپۇسى 15 مىليوندىن ئاشىدۇ.

تۈركىيە ئەسلىدە پارلامېنت تۈزۈمدىكى بىر دۆلەت بولۇپ، 2018-يىلىدىن باشلاپ پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتتى. تۈركىيەنىڭ ھازىرقى پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان.

تۈركىيەنىڭ بارلامېنتىدا (بۈيۈك مىللەت مەجلىسى) جەمئىي 589 پارلامېنت ئەزاسى (مىللەت ۋەكىلى) بار بولۇپ، بۇلار ئوخشىمىغان ئون پارتىيەگە مەنسۇپ. بۇلاردىن باشقا يەنە مۇستەقىل پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بار. بۇلارنىڭ ھەرقايسى پارتىيەگە تارقىلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

1. ئاق پارتىيە، پارلامېنت ئەزاسى سانى: 290.

2. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، پارلامېنت ئەزاسى سانى: 139.

3. خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى (ھ د پ)، پارلامېنت ئەزاسى سانى: 61.

4. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، پارلامېنت ئەزاسى سانى: 49.

5. ئىيى (ياخشى) پارتىيە، پارلامېنت ئەزاسى سانى: 39.

6. سائادەت پارتىيەسى، پارلامېنت ئەزاسى سانى: 2.

7. تۈركىيە ئىشچى پارتىيەسى (كوممۇنىست پارتىيەسى)، پارلامېنت ئەزاسى سانى: 2.

8. دېموكراتىك رايونلار پارتىيەسى، پارلامېنت ئەزاسى سانى: 1.

9. بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى، پارلامېنت ئەزاسى سانى: 1.

10. دېموكرات پارتىيەسى، پارلامېنت ئەزاسى سانى: 1.

11. مۇستەقىل پارلامېنت ئەزالىرى: 4.

بۇ پارلامېنت ئەزالىرىدىن جەمئىي 16سى دۆلەت مىنىستىرىدۇر.

تۈركىيەدە تۈرك لىراسى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى داۋاملىق مۇقىم بولمىغانلىقتىن، ھەر يىلى ئىككى قېتىم بارلىق ئەمەلدار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلۈپ، قايتىدىن تەڭشىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2020-يىلى كىمنىڭ قانچىلىك مائاش ئالىدىغانلىقى 2019-يىلى 9-ئايدا مۇزاكىرە ئارقىلىق بېكىتىلدى. 2020-يىلى كىمنىڭ قانچە پۇل مائاش ئالىدىغانلىقى توغرۇلۇق چىقىرىلغان قارار تۆۋەندىكىچە:

 

پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ 2019-يىلىدىكى بىر ئايلىق مائاشى 74500 لىرا. 2020-يىلىدىن باشلاپ بىر ئايلىق مائاشى 81250 لىرا.

مىنىستىرلارنىڭ بىر ئايلىق مائاشى 20~23 مىڭ لىرا ئەتراپىدا. (بۇ 2018-يىللىق مائاش ئۆلچىمى بولۇپ، 2019-ۋە 2020-يىللىقنى ئىزدەپ تاپالمىدۇق)

پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 24471. (2020-يىللىق مائاشى)

يۇقىرقى ھېساب بويىچە ھېسابلانغاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 589 پارلامېنت ئەزالىرى  ئۈچۈن دۆلەت بىر يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 176 مىليون تۈرك لىراسى مائاش ئاجرىتىدۇ.

 

بۇلاردىن باشقا مۇئاۋىن مىنىستىر، مۇدىر، ۋالىي، شەھەر باشلىقى، سوتچى... قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مائاشى تۆۋەندىكىچە:

مۇئاۋىن مىنىستىر (باقان)لارنىڭ ئايلىق مائاشى: 21811 لىرا. (خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان). (2019-يىللىق).

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى ياشار گۈلەرنىڭ ئايلىق مائاشى: 12~13 مىڭ لىرا ئەتراپىدا. (2019-يىللىق).

ئەنقەرە شەھەر باشلىقىنىڭ ئايلىق مائاشى: 24 مىڭ لىرا. (نوپۇسى ئىككى مىليوندىن ئاشىدىغان شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقىنىڭ بەلگىلەنگەن مائاشى 24 مىڭ لىرا؛ 2020-يىللىق).

ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلىنىڭ ئايلىق مائاشى: 24 مىڭ لىرا. (2020-يىللىق).

ئىزمىر شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى تۇنچ سويئەرنىڭ ئايلىق مائاشى: 24 مىڭ لىرا. (2020-يىللىق).

ۋالىيلارنىڭ ئايلىق مائاشى: 11661 لىرا. (نورمال ۋالىي). (2019-يىللىق).

سوتچىنىڭ ئايلىق مائاشى: 11335 لىرا. (باش سوتچى). (2019-يىللىق).

باش مۇدىرنىڭ ئايلىق مائاشى: 11892 لىرا (خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان؛ 2019-يىللىق).

مۇتەخەسسىس دوختۇر: 6688 لىرا. (خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان؛ 2019-يىللىق).

 ئىنژېنېر: 5802 لىرا. (خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان؛ 2019-يىللىق).

 ئوقۇتقۇچى: 4265 لىرا. (خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان؛ 2019-يىللىق).

 ئوقۇتقۇچى: 3700 لىرا. (نورمال ئوقۇتقۇچى؛ 2019-يىللىق).

 ئىقتىسادشۇناس: 3960 لىرا. (خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان؛ 2019-يىللىق).

 كۇتۇپخانا خادىمى: 4539 لىرا. (خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان؛ 2019-يىللىق).

سېستىرا: 4618 لىرا. (مەخسۇس ئوقۇغان، خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان؛ 2019-يىللىق).

ئادۋوكات: 5517 لىرا. (خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان؛ 2019-يىللىق).

ساقچى باشلىقى: 5074 لىرا. (خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان؛ 2019-يىللىق).

كادىر: 3855 لىرا. (خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان؛ 2019-يىللىق).

تەتقىقاتچى: 5477 لىرا. (خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان؛ 2019-يىللىق).

تېخنىكا خادىملىرى: 3841 لىرا. (نورمال تېخنىكا خادىملىرى؛ 2019-يىللىق).

پىروفېسسور: 10016 لىرا. (ئەڭ ئاز تۆت يىللىق، خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان؛ 2019-يىللىق).

دوتسېنت: 7471 لىرا. (خىزمەت تارىخى 25 يىلدىن ئاشقان؛ 2019-يىللىق).

سوتچى ۋە سوتچى نامزاتلىرى: 5883 لىرا. (نورمال-يېڭى؛ 2019-يىللىق).

 

بۇ يىل تۈركىيەدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئايلىق مائاشى (asgari ücret) 2020-يىلى ئۈچۈن ئۆستۈرۈلۈپ, 2020 لىرا قىلىپ بېكىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىمۇ مەلۇم نىسبەتتە ئۆستۈرۈلدى. ئەگەر يىللاپ خىزمەت قىلىپ، 2020 لىرا مائاش ئالغان كىشىلەرنىڭ مائاشلىرىنى پىرېزىدېنت، ،مىنىستىر... قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مائاشىغا قىياس قىلغاندا، ئارىدا سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە چوڭ پەرقنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەمما دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قانداق ئوقۇغانلىقى، قانداق جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە تىرىشقانلىقى، ئاشۇ ئورۇنلارغا يەتكۈچە قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ھېسابلىساق، شۇنداقلا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىنكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالغان يۈكى ھەم مەسئۇلىيىتىنى نەزەرگە ئالغاندا،  ئۇلارنىڭ ئالغان مائاشىنى «ئېلىشقا تېگىشلىك نورمال مائاش» دېيىشكە بولىدۇ.

 

 تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 1397 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2019 02:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
1 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق
Bahadir
بەك پايدىلىق ئۇچۇرلاركەن، ئاللاھ رازى بولسۇن