لاگېردىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن بىمارلارنىڭ ئەھۋالى ئاشكارىلاندى

لاگېردىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن بىمارلارنىڭ ئەھۋالى ئاشكارىلاندى

يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بىر شاھىت مەركىزىمىزگە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «تەربىيەلەش مەركىزىدىكى كۇرسانتلار تېخنىكا ئۆگىنىۋاتىدۇ، ئۇلار ئەركىن-ئازادە، ئىختىيارىي كېلىپ كېتىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىماقچى بولغانلىقىنى، خىتايلار دەۋالغان ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى»نىڭ بىر تۈرمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: «خوتەن شەھىرىدە كېسەل، ياشانغان بولۇشىغا قارىماي تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر، لاگېردىكى مۇھىتنىڭ ناچارلىقىدىن كېسەل بولۇپ قالغان بىمارلار خوتەن ۋىلايەتلىك ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىدۇ. كېسەللەر ئۇ يەردە داۋالىنىش مەزگىلىدە قاتتىق نازارەت قىلىنىدۇ. خوتەننىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىدىكى دوختۇرخانىلاردىمۇ لاگېرلاردىن كەلگەن بىمارلار ئۈچۈن مەخسۇس ئاجرىتىلغان ئورۇن بار بولۇپ، ئۇلارغا جىنايەتچىدەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ. دوختۇر، سېستىرالارمۇ ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىدە كېسەلخانىغا كىرىپ چىقىدۇ. لاگېر تۇتقۇنلىرىنى داۋالايدىغان دوختۇرلار سىرتلاردا قاتتىق نازارەت ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدۇ.

بۇ خەۋەر 1015 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2019 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق