خوتەندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنى ئاشكارىلاندى

خوتەندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئورنى ئاشكارىلاندى

يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بىر شاھىت بۈگۈن شەرقىي تۈركسىتان ئاخبارات مەركىزى ئىستىقلال بۆلۈمىمىزگە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ۋىلايىتى خۇتەن شەھىرىگە قاراشلىق ئۈچ ئورۇندا جازا لاگېرى بار ئىكەن. خوتەن شەھىرى تەرەققىيات رايونىدا كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بىر لاگېر بار بولۇپ، ئورنى خوتەن ئالار يولى يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىدىكى ئىككىنچى كۆۋرۈك بىلەن ئۈچىنچى كۆۋرۈكنىڭ ئارىسىدا ئىكەن.
يەنە بىر لاگېر خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، خوتەن ۋوگزالىغا يېقىن ئىكەن. ئۈچىنچى لاگېر لاسكۇي بازىرى ئىچىدە بولۇپ، بۇ لاگېر ئىچىدە قاماقخانا، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» قاتارلىق ئۈچ ئورۇن بىر يەرگە مەركەزلەشكەن ئىكەن. بۇ ئۈچ لاگېرنىڭ ھەر بىرىدە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 25 مىڭدىن 30 مىڭغىچە كىشى قامالغان ئىكەن.
لوپ ناھىيەسىدە يەتتە ئورۇندا جازا لاگېرى بار بولۇپ، كۆپىنچىسى تەرەققىيات رايونىدا ئىكەن. خوتەننىڭ باشقا ناھىيەلىرىدىمۇ ئالتە-يەتتە ئورۇندا جازا لاگېرى بار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1382 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2019 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق