خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان ئاتالمىش «XJTV-2»نىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە

خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان ئاتالمىش «XJTV-2»نىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە
7-دېكابىر ئامېرىكا پارلامېنتىدا ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»نىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىغا چىدىمىغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بارلىق قورچاق ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.
7-دېكابىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇۋانى بولغان ئاتالمىش «XJTV-2» قانىلى «شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغدايمىز»، «ئۆزىنى رەزىللىك قاپلاپ كەتكەنلەرنىڭ باشقىلارنى ئەيىبلەشكە نېمە ھەققى» تېمىسىدا ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى.
ماقالىدە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ «2014-يىلىدىن بېرى ئۈچ مىليون ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى» دېيىلگەن. ئەمەلىيەتتە 2014-يىلىدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىندى. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ناچارلاشتى، ھەتتا بىر قىسىم ئائىلىلەر ۋەيران بولۇپ، ئۆيلەردە ئادەم قالمىدى. ئائىلىدىكى ئاتا-ئانا ياكى ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى تۇتقۇن قىلىنغانلىقتىن، نۇرغۇن ئائىلىدە ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەردى. بىر قىسىم ئائىلىلەردىكى بالىلار باققۇچىسىز قالدى.
ماقالىدە يەنە ئاتالمىش شىنجاڭدىكى 25 مىليون خەلق ئامېرىكا ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىگە قارشى تۇرىدۇ ۋە قوللىمايدۇ» دېيىلگەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق سۆز-ھەرىكىتىنى تەقىب ئاستىغا ئالغانلىقى، خىتاي ياقتۇرمايدىغان بىرەر ئېغىز گەپ قىلغان ھامان خالىسا جازا لاگېرىغا، خالىسا تۈرمىگە قامىغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتكە قۇياشتەك روشەن. خەلقئارا جەمئىيەت ئىلگىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئالدامچىلىقىغا ئىشىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. ئەمدى خىتاينىڭ يالغان-ياۋىداقلىرىغا ئالدانمايدۇ.
خىتاي: شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە «تېررورچى» دېگەن ئىسىمنى قويۇپ يوقاتساق، بىزنى ھېچىكىم ئەيىبلىمەيدۇ، كارى بولمايدۇ، دەپ چوتنى خام سوقۇپ قويغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ كەتكەن ھەرىدەك چالۋاقاپ كېتىشلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلاپ قويدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگانلىرى ئاۋازى پۈتۈنلەي بوغۇلغان خەلق ئۈستىدە سەپسەتە سېتىپ: خەلق ئامېرىكا ماقۇللىغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»نى قوللىمايدۇ، دېگەنلەرنى كۈچەپ تارقاتماقتا. خەلقئارا جەمئىيەت ئاۋازى بوغۇلغان خەلقىمىزنىڭ چەتئەلدىكى ۋەكىللىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى ئاساس قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
شۇڭا خىتاينىڭ خەلقئارانى ئالداش رەزىل پىلانى ئەسقاتمىدى. بۇندىن كېيىنكى رەزىل پىلانىمۇ قەتئىي ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ھەقىقەت ھامان غەلىبە قىلىدۇ، باتىل مەغلۇپ بولىدۇ.
نۆۋەتتە تەھلىلچىلەر: خىتاي خەلقئارانى ئالداش ئۈچۈن تارقىتىۋاتقان يالغان تەشۋىقاتلىرى كۆپىيىۋاتقان بۇ پەيتلەردە ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، پەرزەنتلىرى، دوستلىرى جازا لاگېرى ياكى تۈرمىگە قامالغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينى خەلقئارادا مات قىلىشى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار گۇۋاھلىق بېرىشكە ئاتلىنىشى كېرەك، دېيىشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1677 قېتىم كۆرۈلدى
09/12/2019 16:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق