شۆھرەت زاكىر لاگېردىكىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى

شۆھرەت زاكىر لاگېردىكىلەرنىڭ  ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى

 

 

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاخبارات ئىشخانىسى بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

يىغىندا ئاتالمىش «ئاپتونۇم رايون»نىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، شۈ خەيرۇڭ ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى پەرھات روزى سۆز قىلغان.

يىغىنغا خىتاينىڭ ئاخبارات خادىملىرىدىن سىرت، يەنە بىر قىسىم چەتئەللىك مۇخبىرلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، يىغىن سوئال-جاۋاب تەرىقىسىدە داۋاملاشقان.

يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىللاردىن بېرى زور تەرەققىي قىلغانلىقى، خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋە باشقا تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇپ كەلگەنلىكىگە ئوخشاش يالغان ئۇچۇر-مەلۇماتلار بىلەن سۆزىنى باشلىغان.

شۆھرەت زاكىر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن قانۇن لايىھەسى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، خىتايغا قارا چاپلىغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە يېقىندا ئاشكارىلانغان جازا لاگېرلىرىغا ئالاقىدار ئىچكى ھۆججەتلەرنى ئىنكار قىلىپ، بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئويدۇرما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقى، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ تولۇق چەكلەنگەنلىكى، دىنىي زاتلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنغان.

ئامېرىكا NBC قانىلىنىڭ مۇخبىرى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ سانى ۋە قاچان تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە سوئال سورىغاندا، شۆھرەت زاكىر بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، لاگېرغا كىرىپ-چىقىدىغانلارنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما «مىليوندىن ئارتۇق كىشى قامالدى» دېگەن سۆزنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنداقلا «ئۈچنى ئۆگىنىپ، بىرنى يوقىتىش» (خىتاي تىلى، خىتاي قانۇنى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش، ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش) تەربىيەسىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى، كېيىنكى قەدەمدە يېزا-كەنت ئەمەلدارلىرى، دېھقان-چارۋىچلار ۋە تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا ئىختىيارىي شەكىلدىكى «ئوچۇق تەربىيەلەش»نىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسى ماقۇللىشى خىتايغا ئېغىر زەربە بەرگەن بولۇپ، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاي تاراتقۇلىرى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا قارشى توختىماي ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 1290 قېتىم كۆرۈلدى
09/12/2019 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق