ئىستانبۇلدا بوكس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا بوكس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
1 – دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدا ياش ئۆسمۈرلەر بوكس چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى.
ئسىتانبۇل كۈچۈكچەكمەجە ئوسمان سولاكئوغلۇ تەنتەربىيە كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە تۈركىيەنى قوشقاندا ئون دۆلەتتىن ماھىرلار قاتناشقان بولۇپ شەرقىي تۈركىستانغا ۋاكالىتەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىستانبۇلدىكى ئاتامان ماۋى يۇلتۇز تەنتەربىيە كۇلۇبىدا بوكىس مەشىقى قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىمىز قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
مۇسابىقىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزدىن مۇھەممەد ئەلى ئوسمان، ئابدۇللاھ ئوسمان، ئېھسان ئابلىز، ئىبراھىم مەمەتجان، ئابدۇللاھ ئابدۇسالام قاتارلىقلار بىرىنجى بولدى.
ئابدۇراھمان ئابدۇقادىر، ئابدۇقەييۇم ئابدۇمىجىت، رۇسلان نىياز، پارۇق يەلكەنلى، ئۆمەر مۇھەممەد، ئابدۇلئەزىز ئابلىمىت، ئابدۇسەمى ياسىن قاتارلىقلار ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.
ھەمزە مۇھەممەد، مۇھەممەد قاتارلىقلار بەش كىشى تەقدىرنامە ئالدى.
ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىدا تېخىمۇ چوڭ غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز!

بۇ خەۋەر 779 قېتىم كۆرۈلدى
06/12/2019 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق